ھەرپتاختا تېزلەتمىسىنى بەلگىلەش

ئۆزگەرتىدىغان قىسقا يول (تېزلەتمە) كۇنۇپكىلارنىڭ تەڭشىكى:

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. ھەرپتاختا نى ئېچىپ تېزلەتمە بەتكۈچىنى تاللايسىز.

  3. سول تەرەپتىكى كۆزنەكتىن بىر كاتېگورىيەنى ئوڭ تەرەپتىن بىر مەشغۇلاتنى تاللاڭ.

  4. ئوڭ تەرەپتىن نۆۋەتتىكى قىسقا يول (تېزلەتمە) كۇنۇپكا بەلگىلەشنى چېكىڭ.

  5. ئۆزگەرتمەكچى بولغان بىرىكمە كۇنۇپكىنى بېسىڭ ياكى Backspace نى بېسىپ تازىلاڭ.

ئىختىيارى تېزلەتمىلەر

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن تېزلەتمە ياساش ئۈچۈن:

  1. كۆنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى ئىختىيارى تېزلەتمىلەر نى تاللايسىز.

  2. + توپچىسىنى چەكسىڭىز ئىختىيارى تېزلەتمە كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.

  3. قىسقا يولغا بىر ئات بەلگىلەپ، بىر بۇيرۇق تەڭشەپ ئاندىن قوللاننى چېكىڭ. مەسىلەن، ئەگەر سىز بۇ قىسقا يول (تېزلەتمە) ئارقىلىق Rhythmbox نى قوزغاتماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئاتىنى نەغمە، بۇيرۇق مەزمۇنىغا rhythmbox نى بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.

  4. ئەڭ ئوڭ تەرەپتىكى چەكلەنگەن دېگەن خەتنى قوش چكىپ ئاندىن بەلگىلىمەكچى بولغان قىسقا يول بىرىكمە كۇنۇپكىنى بېسىڭ.

سىز بەلگىلىگەن بۇيرۇق ئاتى چوقۇم ئىناۋەتلىك سىستېما بۇيرۇقى بولۇشى لازىم. سىز تېرمىنالدىن بىرنى ئېچىپ بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ ئىناۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە پىروگرامما ئاچىدىغان بۇيرۇق شۇ پىروگراممىنىڭ ئاتىدۇر.

ئەگەر قىسقا يولغا مۇناسىپ بۇيرۇقنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، قسىقا يولنىڭ ئاتىنى قوش چېكىپ، ئاندىن قاڭقىپ چىققان ئىختىيارى قىسقا يول كۆزنەكتىن تەھرىرلەيسىز.