كۇنۇپكىنىڭ تەكرار بېسىلىشىنى تاقاش

ئادەتتە بىرەر كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇرۇۋەرسىڭىز، سىز كۇنۇپكىنى قويۇۋەتمىگۈچە ئوخشاش ھەرپ ياكى بەلگە تەكرارلىنىدۇ. ئەگەر سىز كۇنۇپكىدىن بارمىقىڭىزنى ئىتتىك ئاجرىتىشتا قىينالسىڭىز، بۇ خىل تەكرارلاش ئىقتىدارىنى تاقاپ قويسىڭىز، ياكى تەكرارلاشنىڭ باشلىنىشىغا كېتىدىغان ۋاقىتنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. قاتتىق دېتال بۆلىكىدىن ھەرپتاختىنى تاللايسىز.

  3. مەلۇم كۇنۇپكا بېسىپ تۇرۇلغاندا شۇ كۇنۇپكىنى تەكرارلا نى تاقاپ تەكرارلاش كۇنۇپكىسىنى چەكلەيدۇ.

    سىز كېچىكتۈر سۈرگۈچنى سۈرۈش ئارقىلىق كۇنۇپكىنى قانچىلىك ۋاقىت بېسىپ تۇرغاندا ئاندىن كىرگۈزۈشنى تىزگىنلىگىلى ۋە Speed سۈرگۈچنى سۈرۈپ سۈرۈش تېزلىكىنى تەڭشىيەلەيسىز.