ھەرپتاختا يولباشچىسى

بۇ بەتتە ھەرپتاختا يېتەكچى ئالاھىدىلىكى تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك چاشقىنەكنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ياكى باشقا كۆرسەتكۈچ ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان شۇنداقلا ئامالنىڭ بارىچە ھەرپتاختا بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەھۋالغا ماس كېلىدۇ. مەسىلەن ھەرپتاختىنىڭ قىسقا يول كۇنۇپكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قۇلايلىق تېزلەتمىلەر نى كۆرۈڭ.

ئەگەر سىز چاشقىنەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆرسەتكۈچ ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتەلمىسىڭىز، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى رەقەم كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق چاشقىنەك كۆرسەتكۈچىسىنى كونترول قىلسىڭىز بولىدۇ. تەپسىلاتى ئۈچۈن چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنى چاشقىنەكنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ چېكىش ۋە يۆتكەش گە قاراڭ.

ئىشلەتكۈچى ئارايۈز يېتەكچىسى

Tab ۋە Ctrl+Tab

ئوخشاش بولمىغان كونتروللار ئارىسىدا ھەرپتاختا فوكۇسىنى يۆتكەيدۇ. سىز Ctrl+Tab كۇنۇپكىلارنى ئىشلىتىپ ئوخشاش بولمىغان كونتروللار ئارىسىدا يۆتكىيەلەيسىز، مەسىلەن يان بالداقتىن ئېكرانىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە يۆتكىيەلەيسىز. يەنە Ctrl+Tab ئىشلىتىپ ئۆزى Tab ئىشلىتىدىغان كونترولنى چىقىرالايسىز، مەسىلەن، مەتىن دائىرىسى.

فوكۇسنى قارشى يۆنىلىشتە يۆتكەش ئۈچۈن Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇڭ.

نۇربەلگە كۇنۇپكىلىرى

بىر ياكى بىر قانچە مۇناسىۋەتلىك كونترول ئارىسىدا تاللىغاننى يۆتكەشتە ئاستى ئاستى ئوڭ سول يا ئوق كۇنۇپكىسىنى ئىشلىتەلەيسىز. مەسىلەن، ھۆججەت باشقۇرغۇچنىڭ تىزىم باشقۇرۇش كۆرۈنۈشىدە تۈر تاللاش قاتارلىق.

شاخسىمان كۆرۈنۈشتە ئوڭ سول يا ئوق كۇنۇپكىسىدا ھەر قايسى قەۋەتلەرنى قاتلاپ ياكى يايغىلى بولىدۇ.

Ctrl+نۇربەلگە كۇنۇپكىلىرى

تىزىم ياكى سىنبەلگە كۆرۈنۈشىدە تاللانغان تۈرلەرنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا ھەرپتاختا فوكۇسىنى باشقا بىر تاللانمىغا يۆتكىگىلى بولىدۇ.

Shift+نۇربەلگە كۇنۇپكىلىرى

تىزىم ياكى سىنبەلگە كۆرۈنۈشىدە نۆۋەتتىكى تاللانغان تۈرلەردىن يېڭى فوكۇسلانغان تۈر ئارىسىدىكى ھەممە تۈرلەرنى تاللايدۇ.

Space(بوشلۇق)

توپچا، كۆپ تاللاش ياكى تىزىم تۈرىگە ئوخشاش فوكۇسلانغان تۈرنى ئاكتىپلايدۇ.

Ctrl+Space

تىزىم ياكى سىنبەلگە كۆرۈنۈشىدە نۆۋەتتىكى فوكۇسلانغان تۈرنى تاللاپ ياكى تاللىماي باشقا تۈرلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

Alt

Alt بېسىلسا تېزلەتكۈچ بىرىكمە كۇنۇپكىسىنى كۆرسىتىدۇ: Alt بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرنىڭ ئاخىرىدىكى تىرناق ئىچىدىكى ھەرپ بېسىلسا تۈرگە مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

Esc

تىزىملىكنى، سەكرىمە كۆزنەكنى، ئالماشتۇرغۇنى ياكى سۆزلەشكۈنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

F10

كۆزنەكنىڭ تىزىملىك بالدىقىدىن تۇنجى تىزىملىكنى ئاچىسىز. ئاندىن نۇربەلگە كۇنۇپكىلىرىنى ئىشلىتىپ يۆتكەيسىز.

Shift+F10 ياكى Menu(تىزىملىك) كۇنۇپكىسى

نۆۋەتتىكى تاللانمىنىڭ تىل مۇھىت تىزىملىكىنى قاڭقىتىپ كۆرسىتىدۇ. مەشغۇلاتى چاشقىنەكنى ئوڭ چەككەنگە ئوخشاش.

Ctrl+F10

ھۆججەت باشقۇرغۇچتا قىسقۇچنىڭ تىل مۇھىت تىزىملىكىنى قاڭقىتىپ كۆرسىتىدۇ. مەشغۇلاتى چاشقىنەكنى ئوڭ چەككەنگە ئوخشاش.

Ctrl+PageUp ۋە Ctrl+PageDown

كۆپ بەتكۈچلۈك ئارايۈزدە، ئوڭ ياكى سول تەرەپتىكى بەتكۈچكە ئالماشتۇرىدۇ.

ئۈستەلئۈستى يېتەكچىسى

Alt+Tab

كۆزنەكلەرنى تېز ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. Shift قوشۇلۇپ بېسىلسا يۆنىلىشى تەتۈر بولىدۇ.

Alt+`

ئوخشاش بىر ئەپنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆزنىكىدە ياكى Alt+Tab دىن كېيىن تاللىغان ئەپلەر ئارىسىدا ئالماشتۇرىدۇ.

بۇ تېز كۇنۇپكا ئامېرىكىچە ھەرپتاختىدىكى ` نى ئىشلىتىدۇ، بۇ كۇنۇپكا Tab نىڭ ئۈستىدە. باشقا ھەممە كۇنۇپكىلارنىڭ ئۈستىدە بۇ تېز كۇنۇپكا Alt قوشىمىز Tab نىڭ ئۈستىدىكىسىدۇر.

Ctrl+Alt+يا ئوق كۇنۇپكىلىرى

خىزمەت رايونلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ.

كۆزنەك يېتەكچىسى

Alt+F4

نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى ياپىدۇ.

Ctrl+Super+

ئەڭ چوڭ قىلىنغان كۆزنەكنى ئەسلىدىكى چوڭلۇقىغا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

Alt+F7

نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى يۆتكەشتە Alt+F7 نى بېسىپ ئاندىن يا ئوق كۇنۇپكىسىدا كۆزنەكنى يۆتكەڭ. Enter بېسىلسا كۆزنەك يۆتكەش تاماملىنىدۇ ياكىEsc بېسىلسا ئەسلى ئورنىغا قايتىدۇ.

Alt+F8

نۆۋەتتىكى كۆزنەكنىڭ چوڭلۇقىنى تەڭشەشتە، Alt+F8 نى بېسىپ ئاندىن يا ئوق كۇنۇپكىسىدا كۆزنەكنى تەڭشەڭ. Enter بېسىلسا كۆزنەك تەڭشەش تاماملىنىدۇ ياكىEsc بېسىلسا كۆزنەك ئەسلى چوڭلۇقىغا قايتىدۇ.

Ctrl+Alt+Shift+يا ئوق كۇنۇپكىلىرى

نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى باشقا خىزمەت رايونىغا يۆتكەيدۇ.

Ctrl+Super+

بىر كۆزنەكنى كۆزنەكنى ئەڭ چوڭ قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەڭ چوڭ قىلىدۇ.

Ctrl+Super+

ئېكراننىڭ سول يېرىمىدا كۆزنەكنى بويىغا چوڭايتىدۇ.

Ctrl+Super+

ئېكراننىڭ ئوڭ يېرىمىدا كۆزنەكنى بويىغا چوڭايتىدۇ.

Alt+Space

كۆزنەك تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۆزنەكنىڭ ماۋزۇ بالدىقىدا ئوڭ چەككەنگە ئوخشاش.