باشقا كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشلىتىش

ئوخشىمىغان تىللارنىڭ ھەر خىل ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى قوشۇلۇپ نەچچە يۈزلىگەن كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بار. بىرلا ھەرپتاختىسى ئارقىلىق گەرچە ئۈستىگە ھەر خىل ھەرپ بەلگىلەر بېسىلمىغان بولسىمۇ، ھەر خىل ھەرپتاختا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىشلىتىپ ھەر خىل تىلدىكى ئوخشىمىغان ھەرپ بەلگىلەرنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. شەخسىي بۆلەكتىن ھەرپتاختا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى نى تاللاڭ.

  3. + توپچىسىنى چېكىپ، بىر ئۇسلۇبنى تاللاپ ئاندىن قوش نى چېكىڭ. ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆرت ئۇسلۇب قوشالايسىز.

سىز ئالدىن كۆزەتنى چېكىپ ئۇسلۇبنى كۆرەلەيسىز، ئۇسلۇب قوشقاندا قاڭقىش كۆزنىكىدىن ئالدىن كۆزەتنى تاللىيالايسىز.

ئەگەر بىر قانچە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوشقان بولسىڭىز، ئۇلارنى تىزىملىك بالدىقىدىكى سىنبەلگىنى ئىشلىتىپ ئالماشتۇرالايسىز. تىزىملىكتە نۆۋەتتىكى كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىپادىلەيدىغان قىسقا ئىسىم كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن ئىنگلىزچە بولغاندا en دېگەن تېكىست كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردىن ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.ن

ئەگەر بىر قانچە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ھەممە كۆزنەكتە بىر خىللا كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشلىتىش ياكى ھەر بىر كۆزنەكتە ئوخشىمىغان كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشلىتىشنى بەلگىلىيەلەيسىز. ئوخشىمىغان كۆزنەكتە ئوخشىمىغان تىلنى ئىشلەتسە قۇلايلىق بولىدۇ. مەسىلەن: سىز يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىدا باشقا بىر تىلدا ماقالە يازغان يېزىۋېتىپ، باشقا كۆزنەكتە يەنە بىر تىلنىڭ كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشلەتسىڭىز، بۇنى سىستېما ئەستە تۇتۇۋالىدۇ-دە سىزگە قۇلايلىق بولىدۇ.

ئادەتتە، يېڭى كۆزنەكتە كۆڭۈلدىكى كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىشلىتىلىدۇ. يېڭى كۆزنەكتە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشلەتكەن كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشلىتىدىغان قىلىپمۇ تەڭشىگىلى بولىدۇ. كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تىزىمىدىكى ئەڭ ئۈستىدىكىسى كۆڭۈلدىكى كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، ۋە نى بېسىپ ئورنىنى تەڭشەشكە بولىدۇ.

ئىختىيارى تاللانما

سىز بەزى كۇنۇپكىلارغا ئالاھىدە ھەرپ قوشۇشىڭىز ياكى بەزى تاللانما ۋە مەشغۇلاتلارنى ئۆزگەرتىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا تاللانمانى چەكسىڭىز بولىدۇ.