مەخسۇس قوزغاتقۇلار دېگەن نېمە؟

كومپيۇتېرىڭىزغا چېتىلغان كۆپىنچە ئۈسكۈنىلەر (قاتتىق دېتاللار) Ubuntu دا نورمال ئىشلەيدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئوچۇق مەنبەلىك قوزغاتقۇچلىرى بولۇشى مۇمكىن ، بۇ دېگەنلىك بۇ قوزغاتقۇچىلارنى Ubuntu ئىجادىيەتچىلىرى ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە مەسىلىلەرگە تۈزىتىشى ئېلىپ بارالايدۇ دېگەنلىك.

بىر قىسىم قاتتىق دېتاللارنىڭ ئوچۇق مەنبەلىك قوزغاتقۇچلىرى يوق بولۇپ، قاتتىق دېتال ئىشلەپ چىقارغۇچى تەرەپ قاتتىق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان بۇنىڭلىق بىلەن قوزغاتقۇ ياساشقا ئىمكان بولمىغانلىقى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىقتىدارى چەكلەنگەن ياكى پۈتۈنلەي ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.

ئەگەر مەلۇم ئۈسكىنىگە مەخسۇس قوزغاتقۇ بار بولسا، نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن سىز ئۇنى ئورناتسىڭىز بولىدۇ، ياكى يېڭى ئىقتىدارىنى قوشسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم گرافىك كارتىسىغا مەخسۇس قوزغاتقۇنى ئورناتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغان كۆرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.

ئوچۇق مەنبەلىك قوزغاتقۇ كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىنى قوللايدىغان بولۇپ كۆپىنچە كومپيۇتېرلارغا مەخسۇس قوزغاتقۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

مەخسۇس قوزغاتقۇدىكى كۆپىنچە مەسىلىلەرنى Ubuntu ئىجادىيەتچىلىرى تۈزىتەلمەيدۇ.