ۋاسىتە كارتىسىنى ئوقۇشتىكى مەسىلىلەر

كۆپىنچە كومپيۇتېرلاردا SD (Secure Digital), MMC (MultiMediaCard), SmartMedia،Memory Stick, CompactFlas ۋە باشقا ساقلىغۇچى ۋاسىتە كارتىلىرىنى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى سەپلەنگەن بولىدۇ. ئۇلارنى ئاپتوماتىك ھالدا تونۇيدۇ ۋە ئېگەرلەيدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ:

  1. كارتىنىڭ توغرا چېتىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈڭ. كۆپىنچە كارتىلار توغرا چېتىلغاندا «تەتۈر» دەك كۆرۈنىدۇ. شۇنداقلا كارتىنىڭ پۇختا چېتىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈڭ. بەزى كارتىلار بولۇپمۇ CompactFlash كارتىسى توغرا چېتىش ئۈچۈن كۈچەپ قىستۇرۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. (بەك كۈچىمەڭ! ئەگەر بىرەر نەرسە تاقاشقاندەك قىلسا، زورلاپ كۈچىمەڭ.)

  2. باش تاختا ئارقىلىق ھۆججەتلەر نى ئېچىڭ. سول تەرەپ يان كۆزنەكتىنئۈسكۈنىلەر دېگەن تىزىملىكتە سىز قىستۇرغان كارتا كۆرۈندىمۇ؟ بەزى ۋاقىتلاردا كارتا بۇ يەردە كۆرۈنىدۇ لېكىن ئېگەرلەنمىگەن بولىدۇ؛ ئېگەرلەش ئۈچۈن بىر قېتىم چېكىڭ.( ئەگەر يان كۆزنەك كۆرۈنمىسە F9 نى بېسىڭ ياكى كۆرسەت ◂ يان كۆزنەك ◂ يان كۆزنەكنى كۆرسەت) نى چېكىڭ.

  3. ئەگەر سىزنىڭ كارتىڭىز يان كۆزنەكتە كۆرۈنمىسە، يۆتكەل ◂ كومپيۇتېر نى چېكىڭ. ئەگەر سىزنىڭ كارتىڭىز توغرا سەپلەنگەن بولسا، كارتا بولمىغان ئەھۋالدىمۇ كارتا ئوقۇغۇچ قوزغاتقۇچ شەكىلدە كۆرۈنىدۇ، كارتا ئېگەرلىگەندە كارتىنىڭ ئۆزىمۇ كۆرۈنىدۇ(تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ).

  4. ئەگەر سىز كارتا ئوقۇغۇچنى كۆرۈپ كارتىنى كۆرمىسىڭىز، مەسىلە كارتىنىڭ ئۆزىدە بولۇشى مۇمكىن. ئوخشىمىغان كارتىنى سىناپ بېقىڭ ياكى مۇمكىن بولسا شۇ كارتىنىڭ ئۆزىنى باشقا كارتا ئوقۇغۇچىدا سىناپ بېقىڭ.

كومپيۇتېر دېگەن ھۆججەت قىسقۇچتا كارتا ياكى قوزغاتقۇچ بولمىسا، سىزنىڭ كارتا ئوقۇغۇچىڭىز قوزغاتقۇچى پروگراممىسىدىكى سەۋەبلىك Linux تا ئىشلىمىگەن بولۇش ئېھتىماللىقى بار. ئەگەر سىزنىڭ كارتا ئوقۇغۇچىڭىز ئىچكى قىسىمدا (كومپيۇتېرنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىچىدە) بولسا شۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ. ھەممىدىن ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈسكۈنىڭىزنى (كامېرا, يانفون قاتارلىق) بىۋاسىتە كومپيۇتېرنىڭ USB ئېغىزىغا چىتىڭ. USB سىرتقى كارتا ئوقۇغۇچنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، Linux بۇلارنى ياخشى قوللايدۇ.