كۆپ ئىشلىتىدىغان پۈتۈك تىپلىرىنىڭ قېلىپلىرى

ئەگەر سىز دائىم ئوخشاش مەزمۇندىكى ھۆججەتنى قۇرسىڭىز، قىلىپ ئىشلەتسىڭىز پايدىسى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ھەرقانداق تىپتىكى قايتا ئىشىتىلىدىغان فورمات ياكى مەزمۇندىكى ھۆججەت بىر قىلىپ بولالايدۇ. مەسىلەن سىز خەت كىرىش سۆز بىلەن باشلىنىدىغان قىلىپ ھۆججىتىنى قۇرالايسىز دېگەندەك.

يېڭى قېلىپ ياساش

  1. قېلىپ سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان ھۆججەتنى قۇرۇڭ. مەسىلەن يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغان پروگرامما ئارقىلىق كىرىش سۆزنى تۈزۈش.

  2. ھۆججەتنى قېلىپ مەزمۇنى بىلەنHome دىكى قېلىپلار دېگەن قىسقۇچقا ساقلاڭ. ئەگەر قېلىپلار دېگەن قىسقۇچ بولمىسا ئۇنى ئالدىدا قۇرۇشىڭىزغا توغرا كۈلىدۇ.

قېلىپ ئىشلىتىپ پۈتۈك قۇرۇش

  1. يېڭى ھۆججەتنى جايلاشتۇرماقچى بولغان قىسقۇچنى ئېچىڭ.

  2. قىسقۇچتىكى بوش بولغان ئورۇنغا ئوڭ چېكىپ يېڭى پۈتۈك قۇر نى تاللاڭ. بالا تىزىملىكتە ئىشلىتىشكە بولىدىغان قېلىپلار كۆرۈنىدۇ.

  3. تىزىمدىن ئارزۇ قىلغان قېلىپنى تاللايسىز.

  4. يېڭىدىن قۇرۇلغان ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈڭ.

  5. ھۆججەتنى قوش چېكىپ ئېچىڭ ھەمدە تەھرىرلەڭ.