ھۆججەتلەرنى ھەمبەھىر قىلىش ۋە يوللاش

ھۆججەتلەرنى ئالاقەداشلار بىلەن ئاسانلا ھەمبەھىر قىلغىلى ياكى سىرتقى ئۈسكۈنىلەرگە ئەۋەتكىلى ياكى ھۆججەت باشقۇرغۇدا بىۋاسىتە توردا ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ.

  1. ھۆججەت باشقۇرغۇنى ئاچىسىز.

  2. ئەۋەتمەكچى بولغان ھۆججەتنى تاللايسىز.

  3. ھۆججەتنى ئوڭ چېكىپ ئەۋەت نى تاللايسىز.

  4. ئەۋەت كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. ھۆججەتنى ئەۋەتىدىغان يەرنى تاللاپ ئەۋەت نى چېكىسىز. نىشانلار تىزىمىنى ئاستىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.

بىر قانچە ھۆججەتلەرنى بىراقلا ئەۋەتىشكىمۇ بولىدۇ. Ctrl بېسىپ تۇرۇپ بىر نەچچە ھۆججەتنى تاللاپ، تاللانغان بىرەر ھۆججەتنى ئوڭ چەكسە ھۆججەتلەر tar ياكى zip ئارخىپى قىلىنىپ پرېسلىنىدۇ.

نىشانلار

  • ھۆججەتنى ئېلخەتتە ئەۋەتىش ئۈچۈن ئېلخەت نى تاللاپ، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىنى كىرگۈزىسىز.

  • ھۆججەتنى مۇڭداشقۇدىكى ئالاقەداشقا ئەۋەتىش ئۈچۈن، مۇڭداشقۇ نى تاللاپ، ئاندىن تىزىمدىن ئالاقەداشنى تاللايسىز. بۇنىڭدا مۇڭداشقۇ قوزغىلىپ نورمال ئىشلىشى كېرەك.

  • ھۆججەتنى CD ياكى DVD غا يېزىش ئۈچۈن CD/DVD ياسىغۇچ نى تاللايسىز. تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن ھۆججەتلەرنى CD ياكى DVD غا يېزىش گە قارالسۇن.

  • ھۆججەتنى كۆكچىش ئۈسكۈنىسىگە ئەۋەتىش ئۈچۈن كۆكچىش (OBEX Push) نى تاللايسىز. بۇ يەردە سىز جۈپلەشكەن ئۈسكۈنىلەرنى كۆرەلەيسىز. تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن كۆكچىش گە قارالسۇن.

  • ھۆججەتنى USB دەك سىرتقى ئۈسكۈنىگە ياكى ئۆزىڭىز باغلانغان مۇلازىمېتىرغا كۆچۈرۈش ئۈچۈن يۆتكىلىشچان دىسكىلار ۋە ھەمبەھىرلەر نى تاللاپ، ئاندىن ئۈسكۈنە ياكى مۇلازىمېتىرنى تاللايسىز.