ھۆججەتلەرنى ئەندىزە بويىچە ئىزدەش
قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى ھۆججەت ئاتىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە تاللاشقا بولىدۇ. Ctrl+S نى باسسا، تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. تاللىماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئاتىدىكى ئورتاقلىقنى ئەندىزە شەكىلدە كىرگۈزسە بولىدۇ. ئەندىزە ئىچىدە ئىككى خىل بەلگىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ:
* خالىغان ساندىكى تېكىستنى ئىپادىلەيدۇ، ھەتتا قۇرۇق تېكىستنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.
? خالىغان بىرلا ھەرپنى ئىپادىلەيدۇ.
مەسىلەن:
-
ئەگەر ئاساسىي ئاتى ئوخشاش Invoice بولغان OpenDocument تېكىست ھۆججىتى ۋە PDF ھۆججىتى ۋە سۈرەت ھۆججىتى بار بولغان بولسا، ئۈچىنى تالاش ئۈچۈن مۇنداق ئەندىزە ئىشلەتسە بولىدۇ
Invoice.*
-
ئەگەر Vacation-001.jpg، Vacation-002.jpg، Vacation-003.jpg دېگەندەك سۈرەت ھۆججەتلىرى بار بولسا، بۇلارنى تۆۋەندىكىدەك ئەندىزە ئىشلىتىپ تاللاشقا بولىدۇ
Vacation-???.jpg
-
ئەگەر يۇقىرىدا دېگەندەك ئات قويۇلغان سۈرەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەھرىرلىگىنىڭىزنىڭ ئاتىنى ئاساسىي ئاتىنىڭ ئاخىرىغا -edited دېگەندەك ئۆزگەرتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا بارلىق تەھرىرلەنگىنىنى تاللاش ئۈچۈن مۇنداق ئەندىزە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ
Vacation-???-edited.jpg