سىرتقى دىسكىنى بىخەتەر چىقىرىش

سىرتقى دىسكا يەنى USB دېگەندەكلەرنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئۇنى بىۋاسىتە تارتىپ چىقارماي بىخەتەر چىقىرىشىڭىز كېرەك. بىۋاسىتە تارتىپ چىقارسىڭىز، پروگرامما ئىجرا بولۇۋاتقان بولسا سانلىق-مەلۇماتلار يوقىلىپ ياكى بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. يەنە ئوپتىكىلىق دىسكا يەنى CD ياكى DVD لارنى ئىشلەتكەندىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىشىڭىز كېرەك.

يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنىنى چىقىرىش ئۈچۈن:

  1. ھۆججەت باشقۇرغۇنى ئېچىڭ.

  2. يان بالداقتىكى ئۈسكۈنىنى تەپىڭ، ئۇنىڭ كىچىك بىر «چىقىرىش» سىنبەلگىسى بار. شۇ سىنبەلگىنى چەكسىڭىز ئۈسكۈنىنى بىخەتەر چىقارغىلى بولىدۇ.

    ئۇندىن باشقا سىز چاشقىنەك ئوڭ توپچىسىدا يان بالداقتىكى ئۈسكۈنە ئاتىنى چېكىپ قاڭقىتنى تاللىيالايسىز.

ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنىنى بىخەتەر چىقىرىۋېتىش

ئەگەر ئۈسكۈنىدە ساقلىغان ھەر قانداق ھۆججەت خالىغان ئەپتە ئېچىلغان بولسا ئۇ ئۈسكۈنىنى بىخەتەر چىقىرىۋېتەلمەيسىز. سىز ئەسكەرتىش كۆزنىكىنى كۆرىسىز، ئۇنىڭدا «دىسكا ئالدىراش» دەپ كۆرۈنىدۇ ھەمدە ئۈسكۈنىدە ئېچىلغان ھەممە ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۈسكۈنىدىكى ھەممە ھۆججەتلەرنى ياپقاندىن كېيىن ئۈسكۈنە ئۆزلۈكىدىن بىخەتەر ھالدا چىقىرىۋېتىلىدۇ. قاڭقىتىپ ياكى چىقىرىۋېتىشكە قولايلىق يارىتىدۇ.

ئەگەر بىرەر ھۆججەتنى ئىشلىتىۋاتقان پروگرامما قۇلۇپلانغانلىق سەۋەبىدىن ھۆججەتنى ياپقىلى بولمىسا، ھۆججەتنى ئوڭ چېكىپ دىسكا ئالدىراش دېگەن كۆزنەكتىكى ئىجرانى ئاخىرلاشتۇر نى چەكسە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ھۆججەتنى ئىشلىتىۋاتقان بارلىق پروگرامما مەجبۇرىي ئاخىرلىشىدۇ.

ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىۋاتقان پروگراممىلارنى ئاخىرلاشتۇرمايلا ئۈسكۈنىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئېگەرسىزلەۋەر نى تاللىسا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھۆججەتنى ئىشلىتىۋاتقان پروگراممىدا خاتالىق كۆرۈلىدۇ.