ئەخلەتخانىدىن بىر ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئەگەر بىرەر ھۆججەتنى ھۆججەت باشقۇرغۇدا ئۆچۈرگەن بولسىڭىز، ھۆججەت چوقۇم ئەخلەتخانىدا تۇرىدۇ. بۇ ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن:

ئەخلەتخانىدىن بىر ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن:

  1. ئىجراچى ئېچىپ ئاندىن ئىجراچىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئەخلەتخانا نىڭ تېزلەتمىسىنى چېكىسىز.

  2. ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەت بار بولسا، ئۇنى ئوڭ چېكىپ ئەسلىگە كەلتۈر نى تاللايسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى ئورنىدا پەيدا بولىدۇ.

ئەگەر ھۆججەتنى Shift+Delete بىلەن ياكى بۇيرۇق قۇرىدا ئۆچۈرگەن بولسىڭىز، ئۇنى ئەخلەتخانا دىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈلگەن بولىدۇ.

مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنى بەزىدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان قوراللار بار. بىراق ئۇلارنى ئىشلىتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. دىققەتسىزلىكتىن ئۆچۈرۈپ سالغان ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى تېخنىكىلىق ياردەم بېرىدىغان مۇنبەرلەردىن سوراڭ.