يوقالغان ھۆججەتنى ئىزدەش

ئۆزىڭىز قۇرغان ياكى چۈشۈرگەن ھۆججەتنى تاپالمىغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.

  • ھۆججەتنىڭ ئىسمى ئېسىڭىزدە بولۇپ قەيەرگە ساقلىغاننى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، ھۆججەتنى ئاتىنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ئۈچۈن ھۆججەتلەرنى ئىزدەش گە قارالسۇن.

  • ھۆججەتنى توركۆرگۈ ئارقىلىق چۈشۈرگەن بولسىڭىز، توركۆرگۈ ئۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان قىسقۇچقا ساقلايدۇ. بۇ قىسقۇچ ماكان قىسقۇچىڭىزنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۈستەلئۈستى ۋە چۈشۈرۈلمىلەرگە قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ.

  • بەزىدە ھۆججەتنى دىققەتسىزلىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ھۆججەت ئۆچۈرۈلسە ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىلىدۇ. ئەخلەتخانىنى سىز تازىلىمىسىڭىز ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەت شۇ يەردە تۇرۇۋېرىدۇ. ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە ئەخلەتخانىدىن بىر ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش گە قاراڭ.

  • ھۆججەتنى يوشۇرۇن قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتىنى ئۆزگەرتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئادەتتە ئاتى . نىڭ بىلەن باشلانغان ياكى ~ بىلەن ئاخىرلاشقان ھۆججەتلەر ھۆججەت باشقۇرغۇدا كۆرۈنمەيدۇ. ھۆججەت باشقۇرغۇدا كۆرۈش ◂ يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسەت باسسا كۆرۈنىدىغان بولىدۇ. تەپسىلاتلار ئۈچۈن ھۆججەتنى يوشۇرۇش گە قارالسۇن.