ھۆججەتلەرنى CD ياكى DVD غا يېزىش

سىز CD/DVD ياسىغۇچ ئارقىلىق ھۆججەتلەرنى بوش دىسكىغا ئويۇپ، ھۆججەتنى باشقا كومپيۇتېرغا يوللاپ ئىشلىتەلەيسىز ياكى زاپاسلايالايسىز. ھۆججەتلەرنى CD ياكى DVD غا يېزىشتا:

  1. قۇرۇق دىسكىنى CD/DVD يازغۇچقا سالىسىز.

  2. قۇرۇق CD/DVD-R دىسكىسى كۆزنىكى كۆرۈنگەندىن كېيىن، CD/DVD ياسىغۇچ نى تاللاپ OK نى چېكىسىز. CD/DVD ياسىغۇچ قىسقۇچى كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.

    (ھۆججەت باشقۇرغۇنىڭ يان بالدىقىدىكى ئۈسكۈنىلەر نىڭ ئاستىدىكى قۇرۇق CD/DVD-R دىسكىسى نى چەكسىڭىزمۇ بولىدۇ.)

  3. دىسكا ئاتى دېگەن يەرگە دىسكىنىڭ ئاتىنى كىرگۈزىسىز.

  4. ئويلىغان ھۆججەتلەرنى كۆزنەككە سۆرەپ كېلىسىز ياكى كۆچۈرىسىز.

  5. دىسكىغا ياز نى چېكىسىز.

  6. يازىدىغان دىسكىنى تاللا دىن قۇرۇق دىسكىنى تاللايسىز.

    (تەسۋىر ھۆججىتىنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ. بۇنى تاللىغاندا بارلىق ھۆججەتلەر بىر دانە تەسۋىر ھۆججىتىگە ساقلىنىدۇ. كېيىن بۇ دىسكا تەسۋىر ھۆججىتى قۇرۇق دىسكىغا يېزىشقا بولىدۇ.)

  7. يېزىش سۈرىتى، ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئورنى ۋە باشقا تاللانمىلار ئۈچۈن خاسلىقى نى چېكىڭ. ئادەتتە كۆڭۈلدىكى تاللانمىلار شۇ پېتى تۇرسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.

  8. ياز توپچىسى چېكىلسە يېزىشقا باشلايدۇ.

    ئەگەر بىر قانچە نۇسخا يازسۇن تاللانغان بولسا، باشقا دىسكا سېلىش ھەققىدە كۆرسەتمە كۆرۈنىدۇ.

  9. دىسكىغا يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، قوزغاتقۇچتىن ئاپتوماتىك چىقىدۇ. بۇ يەردە يەنە بىرگە كۆچۈرۈش تاللىسىڭىز ياكى ياپ بېسىپ ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

تېخىمۇ ئالىي CD/DVD يېزىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن Brasero پروگراممىسىنى سىناپ كۆرۈڭ.

دىسكىغا يېزىش قورالى Brasero ھەققىدىكى ياردەم ئۈچۈن ئىشلەتكۈچى يېتەكچىسى گە قاراڭ.

دىسكىغا توغرا يېزىلمىسا

بەزى ۋاقىتلاردا سانلىق-مەلۇماتلارنى كومپيۇتېر دىسكىغا توغرا يازالمايدۇ، دىسكىنى باشقا كومپيۇتېرغا سالسىڭىز ئۇنىڭدىكى ھۆججەتلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

بۇنداق ئەھۋالدا يېزىش سۈرىتىنى 48x ئەمەس ئاستىراق بولغان 12x نى تاللاپ قايتا يېزىپ بېقىڭ. قانچە ئاستا سۈرەتتە يېزىلسا ئىشەنچلىكلىكى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. تېزلىكىنى CD/DVD يازغۇچ نىڭ خاسلىق دېگەن توپچىسىنى بېسىپ ئۆزگەرتىسىز.