ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى كۆچۈرۈش ياكى يۆتكەش

ھۆججەت ياكى قىسقۇچنى چاشقىنەك بىلەن يېڭى ئورۇنغا سۆرەپ تاشلاش ، كۆچۈرۈش بۇيرۇقى ۋە چاپلاش بۇيرۇقلىرى ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى تېزلەتمە كۇنۇپكا ئارقىلىق كۆچۈرۈشكە ياكى يۆتكەشكە بولىدۇ.

مەسىلەن، سىز بەلكىم كۆرسەتمىنى بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ، بارماق دىسكىغا قويۇپ يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرۈپ ئۆزگەرتىشىڭىز مۇمكىن. سىز پۈتۈكنى ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى بىر نۇسخا كۆپەيتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ ئۇسۇلنى ھۆججەت ۋە قىسقۇچقىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى ئوخشاش ئۇسۇلدا كۆچۈرگىلى ۋە يۆتكىگىلى بولىدۇ.

ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈش ۋە چاپلاش

  1. بىر قېتىم چېكىش ئارقىلىق كۆچۈرمەكچى بولغان تۈرنى تاللاڭ.

  2. تەھرىر ◂ كۆچۈر نى چېكىسىز ياكى Ctrl+C نى باسىسىز.

  3. ھۆججەتنى كۆچۈرمەكچى بولغان باشقا قىسقۇچقا يۆتكىلىڭ.

  4. Click Edit ◂ Paste to finish copying the file, or press Ctrl+V. There will now be a copy of the file in the original folder and the other folder.

كېسىپ چاپلاش ئارقىلىق ھۆججەتنى يۆتكەش

  1. بىر قېتىم چېكىش ئارقىلىق يۆتكىمەكچى بولغان تۈرنى تاللاڭ.

  2. تەھرىر ◂ كەس نى چېكىسىز ياكى Ctrl+X نى باسىسىز.

  3. ھۆججەتنى يۆتكىمەكچى بولغان باشقا قىسقۇچقا يۆتكىلىڭ.

  4. Click Edit ◂ Paste to finish moving the file, or press Ctrl+V. The file will be taken out of its original folder and moved to the other folder.

سۆرەش ئارقىلىق ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈش ياكى يۆتكەش

  1. ھۆججەت باشقۇرغۇنى ئېچىپ، كۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت بار مۇندەرىجىگە يۆتكىلىسىز.

  2. ئىككىنچى كۆزنەكنى ئېچىش ئۈچۈن ھۆججەت ◂ يېڭى كۆزنەك (or كۇنۇپكىسىنى باسىسىز Ctrl+N) نى چېكىسىز. يېڭى كۆزنەكتە يۆتكىمەكچى ياكى كۆچۈرمەكچى بولغان قىسقۇچقا يۆتكىلىسىز.

  3. بىر كۆزنەكتىكى تۈرنى چېكىپ سۆرەپ باشقا كۆزنەككە يۆتكەيسىز. كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا، ئەگەر مەنزىل ئوخشاش ئۈسكۈنىدە بولسا بىر تۈرنى سۆرەش ئۇنى يۆتكەش بىلەن باراۋەر بولىدۇ(مەسىلەن ھەر ئىككى قىسقۇچ ئوخشاش بىر قاتتىق دىسكىدا بولسا). ياكى ئەگەر نىشان پەرقلىق ئۈسكۈنىدە بولسا ئۇنى كۆچۈرىدۇ.

    مەسىلەن، ئەگەر سىز بىر ھۆججەتنى بارماق دىسكىدىن ماكان قىسقۇچقا سۆرىسىڭىز، بۇ ھۆججەت كۆچۈرۈلىدۇ، چۈنكى سىز ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنىدە سۆرىدىڭىز.

    ئەگەر مەجبۇرىي كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، سۆرەۋاتقاندا Ctrl كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇرۇڭ ياكى ئۇنى مەجبۇرىي يۆتكىمەكچى بولسىڭىز سۆرەۋاتقاندا Shift نىمۇ بېسىپ تۇرۇڭ.

ئوقۇشقىلا بولىدىغان ھۆججەت قىسقۇچقا ھۆججەتنى كۆچۈرۈشكە ياكى يۆتكەشكە بولمايدۇ. بىر قىسىم قىسقۇچلار سىزنىڭ ئۇنىڭ مەزمۇننى ئۆزگەرتىۋېتىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقىلا بولىدىغان قىلىپ قويۇلىدۇ. ھۆججەت ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇنىڭغا قارتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايسىز.