ھۆججەتلەرنى ۋە قىسقۇچلارنى كۆرۈش

ھۆججەت باشقۇرغۇچ پروگراممىسىنى ئىشلىتىپ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ ۋە باشقۇرىدۇ. سىز ئۇنى ئىشلىتىپ ھۆججەت مۇلازىمېتىر ۋە توردىكى ھەمبەھىر ساقلىغۇچ ئۈسكۈنىسى (سىرتقى قاتتىق دىسكىغا ئوخشاش)نى باشقۇرالايسىز.

ھۆججەت باشقۇرغۇچنى ئېچىشتا dash دە ھۆججەت ۋە قىسقۇچ ئىزدىگەنگە ئوخشاش پروگراممىلارنى ئىزدەش ئىلىپ بارالايسىز. نەتىجىسى ھۆججەت ۋە قىسقۇچ تۆۋەن تەرىپىدە كۆرۈنىدۇ.

قىسقۇچ باشقۇرغۇچنى ئېچىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى قوزغاتقۇچتىكى Home قىسقۇچ دېگەن تېزلەتمەكتە تاللاش.

قىسقۇچلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى كۆرۈش

ھۆججەت باشقۇرغۇچىدا مەزمۇننى كۆرۈش ئۈچۈن قىسقۇچنى قوش چەكسىڭىز بولىدۇ. ھۆججەتنى قوش چەكسىڭىز ھۆججەتنى ئاچالايسىز. قىسقۇچتا ئوڭ تەرەپنى چېكىش ئارقىلىق ئۇنى يېڭى بەتكۈچ ياكى يېڭى كۆزنەكتە ئاچالايسىز. تىزىملىك كۆرۈنۈشىدە قىسقۇچنىڭ يېنىدىكى كېڭەيتكۈچنى چېكىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇننى دەرەخسىمان ھالەتتە كۆرەلەيسىز.

ھۆججەتلەر ۋە قىسقۇچلارنىڭ تىزىملىكنىڭ ئۈستىدىكى يول بالداق ى سىزنىڭ ھازىر قايسى ھۆججەت قىسقۇچنى كۆرۈۋاتقانلىقىڭىزنى ،home غىچە بولغان ئاتا قىسقۇچلارنى، يۆتكىمە ئۈسكۈنىنىڭ غول مۇندەرىجىسىنى ياكى سىستېمىنىڭ غولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يول بالداقتىكى ئاتا قىسقۇچنى چېكىش ئارقىلىق شۇ قىسقۇچقا يۆتكىلەلەيسىز. يول بالداقتا قىسقۇچنى چاشقىنەكتە ئوڭ تەرەپنى چېكىش ئارقىلىق ئۇنى يېڭى بەتكۈچ ياكى يېڭى كۆزنەكتە ئاچالايسىز، كۆچۈرۈش، يۆتكەش ياكى خاسلىقىنى زىيارەت قىلىشنى ئىلىپ بارالايسىز.

ئەگەر قىسقۇچتىن بىر ھۆججەتنى تېز ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، بىۋاستە ئاتىنى كىرگۈزۈڭ. كۆزنەك ئاستىدا ئىزدەش قۇتىسى كۆرۈنۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن بىرىنچى ھۆججەتنى يورۇتۇپ كۆرسىتىدۇ. ئاستى يا ئوق كۇنۇپكىنى بېسىپ Ctrl+G تېز كۇنۇپكا ياكى چاشقىنەك غالتىكىنى دومىلىپ ئىزدەش نەتىجىسىنى بىر بىرلەپ كۆرەلەيسىز.

دائىم ئىشلىتىدىغان ئورۇندىن يان بالداقنى تېزلىكتە زىيارەت قىلالايسىز. ئەگەر يان بالداقنى كۆرەلمىسىڭىز، كۆرۈنۈش ◂ يان بالداق ◂ يان بالداقنى كۆرسەت نى چېكىڭ. كۆپ ئىشلىتىدىغان قىسقۇچلارغا خەتكۈش قوشالايسىز، ئۇلار يان بالداقتا كۆرۈنىدۇ.

ئەگەر داۋاملىق قىسقۇچلار تەرىپىدىن ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئورۇندىن ھۆججەتنى يۆتكىسىڭىز، يان قىسقۇچتا دەرەخسىمان شەكىلدە كۆرۈش قۇلايلىق بولىدۇ. كۆرۈش ◂ يان كۆزنەك ◂ دەرەخ نى چېكىپ دەرەخسىمان كۆزنەكنى ئىناۋەتلىك قىلىڭ. قىسقۇچنىڭ يان تەرىپىدىكى كېڭەيتكۈچنى چېكىپ ئۇنىڭ بالا قىسقۇچلىرىنى كۆرەلەيسىز ياكى قىسقۇچنى چېكىپ ئۇنى كۆزنەكتە ئاچسىڭىز بولىدۇ.