دىسكا ياكى ئۈسكۈنىلەرنى ئاچىدىغان پروگراممىلار

ئۈسكۈنە چېتىلغاندا، دىسكا سېلىنغاندا ياكى ۋاسىتە كارتىسى قىستۇرۇلغاندا پروگراممىنى ئاپتوماتىك ھالدا قوزغىلىدىغان قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، سىز رەقەملىك كامېرانى چاتقان ۋاقىتتا سۈرەت رەتلىگۈچىنىڭ قوزغىلىشىنى ئارزۇ قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئۈسكۈنىنى قىستۇرغاندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدىغان قىلىش ئۈچۈن ،سىز بۇ ئىقتىدارنى ئېتىۋېتەلەيسىز.

ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنى چاتقاندا قايسى پروگراممىنىڭ قوزغىلىشىنى بېكىتىش ئۈچۈن:

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. تەپسىلاتلار ◂ يۆتكىلىشچان ۋاسىتە نى تاللايسىز.

  3. ئارزۇيىڭىزدىكى ئۈسكۈنە ياكى كارتا تىپىنى ۋە ئۇنى ئاچىدىغان پروگراممىنى تاللايسىز.

    پروگراممىنى قوزغىتىشنىڭ ئورنىغا سىز ئۇنىغا قارتا تەڭشەش ئېلىپ بارالايسىز:

    • ئۈسكۈنە ھۆججەت باشقۇرغۇچىدا كۆرۈنىدۇ( قىسقۇچنى ئاچ نى تاللايمىز)

    • نېمىنى ئاچىدىغانلىقىڭىز توغرىسىدا سوئال سورۇلىدۇ (نېمە ئىش قىلىش توغرىسىدا سوراش)

    • ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ (ھېچ ئىش قىلما).

  4. ئەگەر كومپيۇتېر سىز قىستۇرغان دىسكىدا يۇمشاق دېتالنى بايقىسا يۇمشاق دېتال دېگەن تاللانما باشقىلارغا قارىغاندا سەل ئوخشىمايدۇ، ئەگەر خالىسىڭىز ئۇنى ئاپتوماتىك ھالدا ئىجرا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. سىز قىستۇرغان CD دا ئورنىتىلىدىغان پروگرامما بولسا ھەمدە دىسكىنى قىستۇرغاندا قوزغىلىشنى خالىسىڭىز بۇ ئىقتىدارى سىزگە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ(مەسىلەن تام تەسۋىر كۆرسىتىش)

  5. ئەگەر سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئۈسكۈنە ۋە ۋاستە تۇرى( Blu-ray دىسكا ياكى E-book ئوقۇغۇچ دېگەندەك)نى تىزىمدىن تاپالمىسىڭىز ، باشقا ۋاستە نى چېكىپ تېخىمۇ تەپسىلىي ئۈسكۈنە تىزىمىنى كۆرەلەيسىز. تىپى تارتما تىزىملىكتىن ئۈسكۈنە تىپى ياكى ۋاستىنى ۋە مەشغۇلات تارتما تىزىملىكتىن ئەپ ۋە مەشغۇلاتنى تاللىيالايسىز.

دىسكا ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەر چېتىلغاندا ھەرقانداق بىر پروگراممىنىڭ ئاپتوماتىك ئىجرا بولۇشىنى خالىمىسىڭىز، يۆتكىلىشچان ۋاسىتە كۆزنىكىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ۋاسىتە قىستۇرۇلغاندا كۆرسەتمە چىقارمىسۇن ياكى پروگرامما ئىجرا قىلىنمىسۇن نى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.