سىرتقى كۆرسەتكۈچنى يان كومپيۇتېرىڭىزغا ئۇلايسىز

سىرتقى كۆرسەتكۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش

ئەگەر يان كومپيۇتېرغا سىرتقى ئېكران تەڭشەشتە، ئالدى بىلەن ئېكراننى يان كومپيۇتېرغا چېتىڭ. ئەگەر سىستېما ئېكراننى دەرھال تونۇيالمىسا تۆۋەندىكى تەڭشەكلەرنى تەڭشەڭ:

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە كۆرسەتكۈچلەر… نى تاللاپ كۆرسەتكۈچ تەڭشىكى نى ئاچىسىز.

  2. سىز قوزغىتىپ ياكى تاقىماقچى بولغان ئېكراننى تاللاپ، ئۇنىڭ ئوچۇق/تاقاق ھالىتىنى تەڭشەڭ.

  3. كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا، قوزغىغۇچ پەقەت ئاساسىي ئېكراندا كۆرۈنىدۇ. بۇنى تەڭشىمەكچى بولسىڭىز، قوزغىغۇچ ئورنى تارتما تىزىملىكتىن ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئالدىن كۆزىتىش ھالىتىدە قوزغىغۇچنى مۇناسىپ ئېكرانغا سۆرىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    ئەگەر قوزغىغۇچنى ھەممە ئېكراندا كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز قوزغىغۇچ ئورنى تارتما تىزىملىكتىن ھەممە ئېكراننى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

  4. ئەگەر ئېكراننىڭ نىسپىي ئورنىنى تەڭشىمەكچى بولسىڭىز، مۇناسىپ ئېكراننى چېكىپ سۆرىسىڭىزلا بولىدۇ.

    ئەگەر ئىككى ئېكراندا ئوخشاش مەزمۇننى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز تەسۋىر ئېكران تاللانمىسىنى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ.

  5. تەڭشەككە رازى بولغاندىن كېيىن قوللاننى چېكىپ ئاندىن بۇ سەپلىمىنى ساقلاپ قالنى چېكىسىز.

  6. ئېكران تەڭشەكلەر نى تاقاشتا، كۆزنەكنىڭ ئۈستى بۇلۇڭدىكى x تاقا توپچىنى چەكسىڭىز بولىدۇ.

يېپىشقاق گىرۋەكلەر

قوش ئېكرانلىق كۆزەتكۈچ ئىشلەتكەندە دائىم يولۇقىدىغان بىر مەسىلە چاشقىنەك نۇر بەلگىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن يەنە بىر ئېكرانغا سۈرۈلۈپ كېتىدۇ. Unity نىڭ يېپىشقاق گىرۋەكلەر ئالاھىدىلىكى بۇ خاتا مەشغۇلات مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. سىز كۈچەپ يۆتكىگەندە ئاندىن چاشقىنەك نۇر بەلگىسىنى بىر ئېكراندىن يەنە بىر ئېكرانغا ئالماشتۇرالايسىز.

ئەگەر يېپىشقاق گىرۋەكلەر ئىقتىدارىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ئۇنى ئېتىپ قويسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ.