ئېكران يورۇقلۇقىنى بەلگىلەش

ئېكراننىڭ يورۇقلۇقىنى تەڭشەش ئارقىلىق توك تېجەش ياكى كۈچلۈك نۇر بار مۇھىتتا ئوقۇغىلى بولىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا توكداندا ئىشلەۋاتقاندا ئېكراننى سەل سۇس قىلىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى، ئىشلەتمىگەندە ئېكراننىڭ توكىنى ئېتىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.

يورۇقلۇقىنى بەلگىلەش

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. يورۇقلۇق ۋە قۇلۇپلاش نى تاللايسىز.

  3. يورۇقلۇق سىيرىغۇچىنى تەڭشەپ راھەت ھالەتكە كەلتۈرىسىز.

نۇرغۇنلىغان يان كومپيۇتېرلىرىدا يورۇقلۇقنى تەڭشەيدىغان ئالاھىدە كۇنۇپكىلار بار. بۇ كۇنۇپكىنىڭ ئۈستىدە ئادەتتە قۇياشقا ئوخشاش بەلگە بولۇپ، ھەرپتاختىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى ئىقتىدارلىق كۇنۇپكىلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا Fn كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

توك تېجەش ئۈچۈن ئېكران سۇسلاشتۇرۇلسۇن نى تاللىسىڭىز، توكدان(باتارېيە) دە ئىشلەتكەن چاغدا يورۇقلۇقى ئاپتوماتىك تۆۋەنلەيدۇ. ئادەتتە ئېكراننىڭ يورۇقلۇقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئېنېرگىيە كېرەك بولىدۇ، بۇ توكداننىڭ توكىنىڭ تەز تۈگەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تاللانما تاللانسا توكداندا ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ.

ئەگەر كومپيۇتېرنى بىردەم ئىشلەتمىسىڭىز، ئېكراننىڭ توكى ئاپتوماتىك تاقىلىدۇ. بۇ پەقەت ئېكرانغىلا تەسىر قىلىدۇ. كومپيۇتېرغا تەسىر قىلمايدۇ. كومپيۇتېرنى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلەتمىسە ئېكراننىڭ توكىنى تاقاشنى ئېكران تاقا دېگەن تىزىمدىن توختىتىش ۋاقتىنى تاللاشقا بولىدۇ.