رەڭ باشقۇرۇش نېمىشقا زۆرۈر؟

رەڭ باشقۇرۇش كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسىدە رەڭنى تۇتۇپ ئېكراندا كۆرسىتىدۇ، ئاندىن ھەممىنى باسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر بىر ۋاستىدە توغرا رەڭ ۋە رەڭ دائىرىسىنى ئىپادىلەيدىغان جەرياندۇر.

قىشتىكى سوغۇق قىرولۇق ھاۋادىكى بىر قۇشنىڭ رەسىمى رەڭ باشقۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرەلىشى مۇمكىن.

كامېرانىڭ مەنزىرە تاللىغۇچتا كۆرگەن قار مۇز بىلەن قاپلانغان تامدىكى قۇش

كۆك قانال بەك تويۇنۇپ كەتسە سۈرەتنى بەك سوغۇچ كۆرسىتىپ قويىدۇ.

بۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ تىپىك بولغان سودا يان كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرگەن كۆرۈنۈشتۇر

نېمىشقا ئاق رەڭ ئاق قەغەزدەك ئاق ئەمەس، قارا كۆز قارچۇغى گىلدەك قوڭۇر كۆرۈنىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ.

بۇ ئادەتتىكى سىياھ پۈركۈيدىغان پىرىنتېردا باسقاندىن كېيىن ئىشلەتكۈچى كۆرگەن كۆرۈنۈش

بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە ھەر بىر ئۈسكۈنە ئوخشاش بولمىغان رەڭ دائىرىسىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا، سىز كۆكۈش كۈمۈشرەڭ رەسىمدىن بىرنى تارتالىسىڭىزمۇ ئەمما زور كۆپچىلىك پىرىنتېر ئۇنى قايتا نامايەن قىلالمايدۇ.

زور كۆپچىلىك سۈرەت ئۈسكۈنىلىرى RGB (قىزىل، يېشىل، كۆك) ئارقىلىق سۈرەت تۇتىدۇ ئاندىن ئۇنى CMYK (كۆك، ئاچ قىزىل، سېرىق ۋە قارا) غا ئايلاندۇرۇپ باسىدۇ. يەنە بىر مەسىلە شۇكى ئاق بوياققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ شۇڭلاشقا ئاق رەڭ قەغەزنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

يەنە بىر مەسىلە بىرلىكتۇر. رەڭنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى بەلگىلەنمىسە، بىز 100% قىزىلنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇر ياكى پىرىنتېردا باسىدىغان ئەڭ قېنىق قىزىل بوياق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئېكرانىڭىزدىكى 50% قىزىل بىزنىڭ ئېكرانىمىزدا تەخمىنەن 62% كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۇ خۇددى سىز بايا 7 بىرلىك ئارىلىق يۈرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ، بىرلىكىنى ئېيتىپ بەرمىگەنلىكىڭىزگە ئوخشاش بولۇپ 7 مېتىرمۇ 7 مىڭ مېتىرمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.

رەڭگە نىسبەتەن، رەڭ دائىرىسىنى بىرلىك قىلىمىز. رەڭ دائىرىسى قايتا كۆرسەتكىلى بولىدىغان رەڭ دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ. DSLR كامېراغا ئوخشاش ئۈسكۈنە تېخىمۇ كۆپ رەڭ دائىرىسىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئۇ قۇياش پاتقان ۋاقىتتىكى ھەممە رەڭنى تۇتالايدۇ ئەمما تامشولا (projector) نىڭ رەڭ دائىرىسى ناھايىتى تار شۇڭلاشقا ھەممە رەڭ ئۆڭۈپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.

بەزى ئەھۋالدا بىز ئۈسكۈنىگە يوللاپ بېرىدىغان سانلىق مەلۇماتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۈسكۈنىنىڭ ئىنكاسىنى تۈزەتىمىز. ئەمما تۈزەتكىلى بولمايدىغان باشقا ئەھۋالدا (تۆمۈر كۆكىنى باسالمايسىز) ئىشلەتكۈچىگە نەتىجىسى قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمىز.

سۈرەتكە نىسبەتەن رەڭلىك ئۈسكۈنىنىڭ ھەممە رەڭ تۈسىنى ئىشلىتىشنىڭ يولى بار بولۇپ، رەڭنىڭ سىلىق ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. باشقا گىرافىكلارغا نىسبەتەن رەڭنىڭ تولۇق ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەگەر سىز Red Hat بەلگىسى بار بۇيرۇتۇلغان ماگ ئىستاكاننى باسماقچى بولسىڭىز، ئۇ چوقۇم دەل Red Hat قىزىل بولۇشى كېرەك، بۇ تەرىپى ناھايىتى مۇھىم.