رەڭ بوشلۇقى دېگەن نېمە؟

رەڭ بوشلۇقى دېگىنىمىز رەڭلەرنىڭ بەلگىلەنگەن دائىرىسىدۇر. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان رەڭ بوشلۇقلىرى sRGB، dobeRGB ۋە ProPhotoRGB.

ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ئاددى RGB سەزگۈچ بولماستىن بەلكى CIE 1931 رەڭ دىئاگراممىسىدىن پايدىلىنىدۇ، بىز كۆزنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز، بۇ سۈرەتتە ئىنسانلارنىڭ رەڭ سەزگۈسىنىڭ ئىنكاسى ئات تۇيىقى شەكىللىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. سىز ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىدە بايقىيالايدىغان يېشىل رەڭ تۈسى كۆك رەڭ ياكى قىزىل رەڭگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. RGB گە ئوخشاش ئۈچ خىل رەڭلىك رەڭ بوشلۇقىدا، كومپيۇتېردا ئۈچ خىل قىممەت ئارقىلىق رەڭنى ئىپادىلەيمىز، بۇ ھەتتا رەڭ كودلىنىش ئۈچبۇلۇڭىنى چەكلەيدۇ.

بۇ CIE 1931 رەڭ دىئاگراممىسى قاتارلىق مودىلنى ئىشلىتىپ ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ سىستېمىسىنى ئاددىيلاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئەمەلىي رەڭ دائىرىسى 3D قاپ گەۋدىسى بىلەن ئىپادىلىنىپ 2D تام تەسۋىر بىلەن ئىپادىلەنمەيدۇ. 3D شەكىلدىكى 2D تام تەسۋىر بەزىدە خاتا سەزگۈ پەيدا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا سىز 3D قاپ گەۋدىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز gnome-color-managerنى ئورنىتىپ gcm-viewerنى ئىجرا قىلىڭ.

ئاق ئۈچبۇلۇڭ بىلەن ئىپادىلەنگەن sRGB, AdobeRGB ۋە ProPhotoRGB

First, looking at sRGB, which is the smallest space and can encode the least number of colors. It is an approximation of a 10 year old CRT display, and so most modern monitors can easily display more colors than this. sRGB is a least-common-denominator standard and is used in a large number of applications (including the Internet).

AdobeRGB ئادەتتە تەھرىرلەش بوشلۇقى قىلىنىدۇ. ئۇ كودلىيالايدىغان رەڭ sRGB دىن كۆپ، بۇ سىزنىڭ سۈرەتتىكى رەڭنى رەڭشىيەلەيدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ، ئەڭ يورۇق رەڭنىڭ كېسىلىشى ياكى قارا رەڭنىڭ بېسىلىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

PhoPhoto ھازىرقى ئەڭ چوڭ بوشلۇقتۇر، ئادەتتە پۈتۈك ئاخىپىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ كۆزى كۆرۈپ پەرقلەندۈرەلەيدىغان پۈتكۈل رەڭلەرنى دېگۈدەك كودلىيالايدۇ ھەتتا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان رەڭلەرىمۇ كودلىيالايدۇ!

ئۇنداقتا، ئەگەر PhoPhoto كۆرۈنەرلىك ياخشى تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن ھەممە قوللىنىشلاردا ئۇنى ئىشلەتمەيمىز؟ جاۋابى مىقدارلاشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر سىز 8 بىتلىق (256 دەرىجە) بويىچە ھەر بىر قانالنى كودلىسىڭىز ئۇنداقتا دائىرە قانچە چوڭ بولسا ھەر بىر قىممەت ئارىسىدىكى قەدەم پەرقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

قەدەم ئارىلىقى قانچە چوڭ بولسا ئېرىشەلەيدىغان رەڭ ۋە ساقلايدىغان رەڭ ئارىسىدىكى پەرقمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، بەزى رەڭلەرگە نىسبەتەن بۇ بىر چوڭ مەسىلە. ئۇنىڭ نەتىجىسى ھالقىلىق رەڭ مەسىلەن تېرە رەڭگى ناھايىتى مۇھىم، ناھايىتى ئاز پەرقمۇ مەشقلەنمىگەن كۆرگۈچىگە رەسىمنىڭ بەزى جايلىرى قاملاشمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

ئەلۋەتتە، 16 بىتلىق رەڭ ئىشلىتىلسە تېخىمۇ كۆپ رەڭ پەرقى دەرىجىسىنى قالدۇرىدۇ ھەمدە مىقدارلاشتۇرۇش خاتالىقىنى زور دەرىجىدە ئازلىتدۇ ئەمما بۇنداق بولغاندا ھەر بىر سۈرەت ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى ھەسسىلىنىپ كېتىدۇ. ھازىر مەۋجۇت بولغان زور كۆپ قىسىم مەزمۇن 8bpp بولۇپ ھەر بىر پىكسىل 8 بىتلىق.

رەڭ باشقۇرۇش بىر رەڭ بوشلۇقىدىن يەنە بىر رەڭ بوشلۇقىغا ئايلاندۇرۇش جەريانى بولۇپ، بۇ جەرياندىكى رەڭ بوشلۇقى sRGB غا ئوخشاش ئېنىق بەلگىلەنگەن بوشلۇق بولۇسىمۇ، ئېكران ياكى پىرىنتېرىڭىزنىڭ سەپلىمە ھۆججىتىگە ئوخشاش ئىختىيارى بوشلۇق بولسىمۇ بولىدۇ.