ئېكراننى قانداق تەڭشەيمەن؟

ئېكرانىڭىزنى تۈزىتىش ناھايىتى ئوڭاي. ئەگەر سىز كومپيۇتېر لايىھە خىزمىتى ياكى سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز بۇ تۈزىتىش مەشغۇلاتى ناھايىتى زۆرۈر.

سىز رەڭ مېتىر (colorimeter) دەپ ئاتىلىدىغان ئۈسكۈنە ئىشلىتىپ، ئېكرانىڭىز كۆرسىتەلەيدىغان رەڭنى توغرا ئۆلچىيەلەيسىز. سىستېما تەڭشەكلەر ◂ رەڭ دىن ناھايىتى ئاسانلا سەپلىمە ھۆججەت قۇرالايسىز، يېتەكچى سىزنى رەڭ مېتىر ئۈسكۈنىسىنى قانداق يۈكلەشنى ۋە قايسى تەڭشەكلەرنى تەڭشەشنى كۆرسىتىدۇ.

ئېكران ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تورىدۇ - TFT نىڭ تەگلىك نۇرى ھەر 18 ئايدىن كېيىن يورۇقلۇقىنىڭ يېرىمى تۆۋەنلەيدۇ. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ نۇرىمۇ سارغىيىدۇ. رەڭ تىزگىن تاختىدا [!] سىنبەلگىسى كۆرۈنگەندە، ئېكرانىڭىزنى قايتىدىن تۈزىتىشىڭىز لازىم.

LED ئېكران ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ ئەمما ئۆزگىرىشى دەرىجىسى TFT دىن بەك تۆۋەن.