پرىنتېرنى قانداق تەڭشەيمەن؟
پىرىنتىر ئۈسكۈنىسىگە سەپلىمە ھۆججەت قۇرۇشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار:
Pantone ColorMunki غا ئوخشاش سۈرەت سىپېكترومېتېر ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىدۇ
رەڭ شىركىتىنىڭ تور تۇراسىدىن بىر نۇسخا پىرىنتېر پايدىلانمىسى چۈشۈرىدۇ
ئەگەر سىز ئىشلىتىدىغان قەغەز پەقەت بىر ئىككى خىل بولسا، رەڭ شىركىتىنىڭ قۇرغان رەڭ سەپلىمە ھۆججىتىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ ئەرزان تۈرىنى تاللايسىز. شىركەتنىڭ تورتۇراسىدىن پايدىلانما دىئاگراممىنى چۈشۈرۈپ، ئاندىن بېسىپ چىقارغان نەتىجىنى يۇمشاق لىپاپىغا سېلىپ شىركەتكە قايتۇرىسىز، ئۇلار قەغەزنى تەكشۈرۈپ، سەپلىمە ھۆججەت قۇرغاندىن كېيىن توغرا بولغان ICC سەپلىمە ھۆججەتنى ئېلخەت بىلەن سىزگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
ئەگەر سىز كۆپ سانلىق سىياھ ئۈسكۈنىسى ياكى قەغەزگە سەپلىمە ھۆججەت قۇرماقچى بولسىڭىز ColorMunki غا ئوخشاش باھاسى قىممەت بولغان ئۈسكۈنە ئىشلەتسىڭىز ئەرزانراق توختايدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ ئالماشتۇرىدىغان سىياھ قۇتىڭىز بولسا پىرىنتېرنى قايتا بىر تۈزىتىشنى ئۇنۇتماڭ!
More Information
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
- ئېكراننى قانداق تەڭشەيمەن؟ — رەڭلەرنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېكراننى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم.
- شويلىلىغۇچنى قانداق تۈزەيمەن؟ — رەڭلەرنى توغرا تۇتۇش(كىرگۈزۈش) ئۈچۈن شويلىلىغۇچنى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم.
- كامېرانى قانداق تەڭشەيمەن؟ — رەڭلەرنى توغرا سىنغا ئېلىش ئۈچۈن كامېرانى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم.