باشقا ۋاقىت رايونلىرىنى كۆرسىتىش

ئەگەر سىز دۇنيادىكى باشقا شەھەرلەرنىڭ ۋاقتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، سائەت تىزىملىكىگە قوشۇمچە ۋاقىت رايونى قوشسىڭىز بولىدۇ. بۇ قوشۇلغان شەھەرلەر سىز سائەتنى چەككەن ۋاقىتتا كالېندارنىڭ ئاستىدا كۆرۈنىدۇ.

  1. سائەتنى چېكىپ ئۇنىڭدىن ۋاقىت ۋە چېسلا تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. سائەت كۆزنىكىگە ئالمىشىپ باشقا رايوندىكى ۋاقىتنى تاللاڭ.

  3. رايون تاللاش نى چېكىڭ.

  4. رايون قوشۇش ئۈچۈن + نى چېكىڭ.

  5. ئورۇن تولدۇردىغان بوش ئورۇنغا قوشماقچى بولغان شەھەرنىڭ ئىسمىنى توشقۇزۇڭ ، بىر ئاز ساقلىسىڭىز تولدۇرۇشقا بولىدىغان شەھەرلەر تارتما تىزىملىك شەكىلدە كۆرۈنىدۇ.

  6. شەھەرنى تاللىسىڭىز شۇ شەھەرنىڭ ۋاقتى ئاپتوماتىك ھالدا تولدۇرۇلىدۇ.

  7. - نى چېكىپ شەھەرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈڭ.

  8. قايسى شەھەرنىڭ سائەت تىزىملىكىدە كۆرۈنۈشى ئۈچۈن سىز بۇ شەھەرلەرنى يەرلىك كە سۆرەپ تاشلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.