كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنىڭ كۆرۈنۈشچانلىقى دېگەن نېمە؟

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنىڭ كۆرۈنۈشچانلىقى دېگىنىمىز، باشقا ئۈسكۈنىلەر ئېتىراپتىكى كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى ئىزدىگەندە، سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنى كۆرەلەمدۇ يوق دېگەن گەپ. كۆرۈنۈشچانلىقى ئېچىپ قويۇلسا، كومپيۇتېرىڭىز ئۆزىنى ئېتىراپتىكى باشقا ئۈسكۈنىلەرگە كۆز-كۆز قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە باغلىنىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.

باشقا كۆكچىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن كومپيۇتېرىڭىزنى كۆرۈنىدىغان قىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بىراق باشقا ئۈسكۈنىلەر چوقۇم ئۆزىنى كۆرۈنىدىغان قىلمىسا، سىز تاپالمايسىز.

بىرەر كۆكچىش ئۈسكۈنىسىگە باغلىنىپ بولغان بولسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزنى ۋە يەنە بىر ئۈسكۈنىنى كۆرۈنىدىغان قىلمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.

ئەڭ ياخشىسى كۆكچىشنى كۆرۈنمەيدىغان ھالەتنى ساقلاڭ باشقا بىر ئۈسكۈنىنىڭ ئىگىسىگە ناھايىتى ئىشەنسىڭىز بۇ باشقا گەپ.