كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى ئېچىش ياكى تاقاش

تىزىملىك بالدىقىدىكى كۆكچىش سىنبەلگىسى

ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىش ياكى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى ئېچىپ قويسىڭىز ياكى توك تېجەش ئۈچۈن ئۇنى ئەتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى ئېچىپ قويۇش ئۈچۈن، تىزىملىك بالداقتىكى كۆكچىش سىنبەلگىسىنى چېكىپ ئاندىن كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى ئاچ نى چېكىڭ.

نۇرغۇن يان كومپيۇتېرلارنىڭ كۆكچىش ئاچىدىغان قاتتىق دېتال ئۈزچاتى ياكى ماسلىشىشچان كۇنۇپكىسى بار. ئەگەر كۆكچىش قاتتىق دېتالى تاقالغان بولسا تىزىملىك بالداقتا كۆكچىش سىنبەلگىسىنى كۆرەلمەيسىز.كومپيۇتېردىكى ئۈزچات ياكى ھەرپتاختىدىكى كۇنۇپكىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر ھەرپتاختىدىكى كۇنۇپكا بولسا ئادەتتە Fn كۇنۇپكىسى بىلەن بىللە ئىشلىتىلىدۇ.

كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى ئەتىپ قويۇش ئۈچۈن، كۆكچىش سىنبەلگىسىنى چېكىپ ئاندىن كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى ئەت نى چېكىڭ.

ئەگەر باشقا ئۈسكۈنە ئارقىلىق بۇ كومپيۇتېرغا باغلانماقچى بولغاندىلا كۆرۈنۈشچانلىق نى ئېچىپ قويسىڭىز بولىدۇ. تەپسىلاتى ئۈچۈن كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنىڭ كۆرۈنۈشچانلىقى دېگەن نېمە؟ گە قاراڭ.