ھۆججەتنى كۆكچىش ئۈسكۈنىسىگە ئەۋەتىش

ھۆججەتلەرنى كۆكچىش ئۈسكۈنىسى ئارىلىق باغلانغان تېلېفون ياكى باشقا كومپيۇتېرغا ئەۋەتىشكە بولىدۇ. بەزى ئۈسكۈنىلەردە ھۆججەتلەرنى ياكى مەلۇم تىپتىكى ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىشكە بولمايدۇ. ھۆججەتلەرنى ئۇچ خىل ئۇسۇلدا ئەۋەتىشكە بولىدۇ. بۇلار: تىزىملىك بالدىقىدىكى كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنىڭ سىنبەلگىسى ئارقىلىق، كۆكچىش تەڭشەك كۆزنىكى ئارقىلىق، بىۋاسىتە ھۆججەت باشقۇرغۇ ئارقىلىق.

ھۆججەتنى بىۋاسىتە ھۆججەت باشقۇرغۇ ئارقىلىق ئەۋەتىش ئۈچۈن ھۆججەتلەرنى ھەمبەھىر قىلىش ۋە يوللاش غا قارالسۇن.

ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنىڭ كۆكچىش ئىقتىدارى ئىناۋەتلىكمۇ ئەمەسمۇ تەكشۈرۈڭ. تەپسىلاتى: كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى ئېچىش ياكى تاقاش.

كۆكچىش سىنبەلگىسى ئارقىلىق ھۆججەت يوللاش

  1. تىزىملىك بالدىقىدىن كۆكچىش سىنبەلگىسىنى چېكىپ، ھۆججەتنى ئۈسكىنىگە ئەۋەت نى تاللاڭ.

  2. ئەۋەتمەكچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ تاللا نى چېكىڭ.

    بىر نەچچە ھۆججەتنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، Ctrl بېسىپ تۇرۇپ ئەۋەتىدىغان ھۆججەتلەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

  3. ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىدىغان ئۈسكۈنىنى تاللاپ ئەۋەت نى چېكىڭ.

    ئۈسكۈنە تىزىمىدا يېقىن ئارىلىقتىكى سىز باغلىنىپ بولغان ئۈسكۈنىلەر ۋە شۇنداقلا كۆرگىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەر كۆرۈنىدۇ. ئەگەر تېخى بىرەر ئۈسكۈنە بىلەن باغلانمىغان بولسىڭىز، ئەۋەت نى چەككەندىن كېيىن، سىزگە جۈپلىشىش ھەققىدىكى ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ. بۇ چاغدا قارىشى تەرەپتىمۇ جەزملەش ئۇچۇرى چىقىشى مۇمكىن.

    ئەگەر تىزىمدا ئۈسكۈنىلەر بەك كوپ بولۇپ كەتسە، مەلۇم كۆرسىتىلگەن تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدىغان قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈسكۈنە تىپىنى نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

  4. ئادەتتە قوبۇللايدىغان ئۈسكۈنىنىڭ ئىگىسى بىر توپچا باسقاندا ئاندىن ھۆججەت قوبۇللايدۇ. ئىگىدار قوشۇلسا ياكى رەت قىلسا ھۆججەت يوللاش نەتىجىسى ئېكرانىڭىزدا كۆرۈنىدۇ.

كۆكچىش تەڭشىكى ئارقىلىق ھۆججەت ئەۋەتىش

  1. تىزىملىك بالدىقىدىن كۆكچىش سىنبەلگىسىنى چېكىپ، كۆكچىش تەڭشىكى نى تاللاڭ.

  2. سول تەرەپتىكى تىزىمدىن ھۆججەتنى ئەۋەتىپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىنى تاللايسىز. تىزىمدا ئادەتتە سىز بىلەن باغلىنىپ بولغان ئۈسكۈنىلەرلا كۆرسىتىلىدۇ. تەپسىلاتى: كومپيۇتېرنى بىر كۆكچىش ئۈسكۈنىسى بىلەن باغلاش.

  3. ئوڭ تەرەپتىكى ئۈسكۈنە ئۇچۇرى كۆزنىكىدە ھۆججەتلەرنى ئەۋەت نى چېكىسىز.

  4. ئەۋەتمەكچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ تاللا نى چېكىڭ.

    بىر نەچچە ھۆججەتنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، Ctrl بېسىپ تۇرۇپ ئەۋەتىدىغان ھۆججەتلەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

  5. ئادەتتە قوبۇللايدىغان ئۈسكۈنىنىڭ ئىگىسى بىر توپچا باسقاندا ئاندىن ھۆججەت قوبۇللايدۇ. ئىگىدار قوشۇلسا ياكى رەت قىلسا ھۆججەت يوللاش نەتىجىسى ئېكرانىڭىزدا كۆرۈنىدۇ.