كۆكچىش ئۈسكۈنىلىرى ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ئۆچۈرۈش

كۆكچىش ئۈسكۈنىسىگە باغلانغۇڭىز بولمىسا، باغلىنىشنى ئۆچۈرۈۋەتكىلىمۇ بولىدۇ. يەنى چاشقىنەكنى، ياكى مىكروفونلۇق تىڭشىغۇچنى ئىشلەتكۈڭىز كەلمىگەندە، ياكى ھۆججەتنى كۆكچىش ئارقىلىق ئەۋەتكۈڭىز كەلمىگەندە، باغلىنىشنى ئۈزۈۋەتسىڭىز بولىدۇ.

  1. تىزىملىك بالدىقى دىن كۆكچىش سىنبەلگىسىنى چېكىپ، ئاندىن كۆكچىش تەڭشىكى نى تاللاڭ.

  2. سول كۆزنەكتىن باغلىنىشنى ئۈزمەكچى بولغان ئۈسكۈنىنى تاللايسىز ۋە تىزىمنىڭ ئاستى قىسمىدىكى - نى چېكىسىز.

  3. جەزملەش كۆزنىكىدە چىقىرىۋەت نى چېكىسىز.

كېيىن قايتا باغلىنىش ئېھتىياجى تۇغۇلسا قايتا باغلانسىڭىز بولىدۇ.