كومپيۇتېرنى بىر كۆكچىش ئۈسكۈنىسى بىلەن باغلاش

چاشقىنەك ياكى مىكروفونلۇق تىڭشىغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنى بۇ ئۈسكۈنىلەرگە باغلاش كېرەك. بۇ جەريان ئادەتتە كۆكچىش ئۈسكۈنىلىرىنى جۈپلەشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ.

ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنىڭ كۆكچىش ئىقتىدارى ئىناۋەتلىكمۇ ئەمەسمۇ تەكشۈرۈڭ. تەپسىلاتى: كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى ئېچىش ياكى تاقاش.

  1. تىزىملىك بالداقتىكى كۆكچىش سىنبەلگىسىنى چېكىپ، يېڭى ئۈسكۈنىنى بەلگىلەش نى تاللايسىز.

  2. باشقا كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئېتىراپىغا قويۇڭ(ئەڭ يىراق بولغاندا 10 مېتىر) ۋە ئۇنى بايقىغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇڭ. داۋاملاشتۇر نى چەكسىڭىز كومپيۇتېرىڭىز ئۈسكۈنىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.

  3. ئەگەر تىزىملىكتە ئۈسكۈنىلەر بەكلا كۆپ بولسا ، تىزىملىكتىكى بىرلا ئۈسكۈنە تىپىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۈسكۈنە تىپى دېگەن تۈرنى تاللاڭ.

  4. PIN نىڭ ئۈسكىنىگە قانداق تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەڭشەش ئۈچۈن PIN تاللانمىلىرى... نى چېكىڭ.

    ئاپتوماتىك PIN تەڭشىكى ئالتە خانىلىق رەقەملىك كودنى ئىشلىتىدۇ. چاشقىنەك ياكى نائۇشنىكقا ئوخشاش كىرگۈزىدىغان كۇنۇپكا ياكى ئېكران بولمىغان ئۈسكۈنە 0000 غا ئوخشاش بەلگىلەنگەن PIN نى ياكى تەلەپ قىلىدۇ ياكى PIN بولمايدۇ. مۇۋاپىق بولغان تەڭشەك ئۈچۈن ئۈسكۈنىنىڭ قوللانمىسىغا قاراڭ.

    ئۈسكۈنىڭىز ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان PIN تەڭشىكىنى تاللاڭ، ھەمدە ياپ نى تاللاڭ.

  5. داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملاشتۇر نى چېكىڭ. ئەگەر سىز بار بولغان PIN نى تاللىمىسىڭىز PIN ئېكران ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ.

  6. ئەگەر زۆرۈر بولسا ئۈسكۈنىدىكى PIN ئۇچۇرىنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. ئۈسكۈنە كومپيۇتر ئېكرانىدا PIN كودىنى كۆرسىتىدۇ ياكى كۆزنەك قاڭقىتىپ PIN كودىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، PIN كودى توغرا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جەزملىگەندىن كېيىن جۈپلەنى چېكىڭ.

    كۆپىنچە ئۈسكۈنىدە 20 سېكۇنت ئىچىدە كىرگۈزۈپ بۇلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا باغلىنىش تاماملانمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۈسكۈنە تىزىملىكىگە قايتىپ قايتىدىن باشلاڭ.

  7. باغلىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ. بۇ چاغدا ياپ نى چەكسىڭىز بولىدۇ.

كېيىن زۆرۈرۈ بولسا سىز كۆكچىش باغلىنىشىنى چىقىرىۋەت سىڭىز بولىدۇ.