نېمىنى زاپاسلاش

سىز ئالدى بىلەن مۇھىم ھۆججەتلەرنى ۋە قايتا ياساش قىيىن بولغان ھۆججەتلەرنى زاپاسلىشىڭىز كېرەك. تۆۋەندىكىلەر مۇھىملىق دەرىجىسى بىلەن تىزىلغان:

خۇسۇسىي ھۆججىتىڭىز

ھۆججەتلەرنى ، ئېلېكترونلۇق جەدۋەل ، ئېلخەتلەر ، يىلنامەدىكى بەلگىلەنگەن ئىشلار ، ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ، ئائىلىۋى رەسىملەر ياكى ئورۇننى تولۇقلىغىلى بولمايدىغان باشقا شەخسى ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۇمكىن.

شەخسىي تەڭشەكلىرىڭىز

چاشقىنەك تەڭشىكى قاتارلىقلارغا ئىلىپ بارغان ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۇمكىن. ئوخشاشلا پروگراممىلارنىڭ خاسلىقىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، LibreOffice ، مۇزىكا قويغۇچىڭىز ۋە سىزنىڭ ئېلخەت پروگراممىڭىزنىڭ تەڭشەكلىرى دېگەندەك. بۇلارنىڭ تولۇقلىغىلى بولىدىغان بولۇپ ، لېكىن قايتا قۇرۇش ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ.

سىستېما تەڭشەكلىرى

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئادەتتە ئورنىتىلىش جەريانىدىكى سەپلىمىلەرنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئەگەر سىز سىستېمىڭىزنى ئۆزلەشتۈرگەن بولسىڭىز ئەلۋەتتە بۇ تەڭشەكلەرنىمۇ زاپاسلىشىڭىز كېرەك.

ئورنىتىلغان يۇمشاق دېتاللار

كومپيۇتېردا مەسىلە كۆرۈلگەندە يۇمشاق دېتالنى قايتا ئورنىتىشىش ئارقىلىق ئىنتايىن تىز ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ۋە زاپاسلىماي تۇرۇپ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان ھۆججەتلەرنى زاپاسلاشنى ئىستەك قىلىسىز، ئەكسىچە ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىش ئاسان بولغان ھۆججەتلەر ئۈچۈن دىسكا بوشلۇقىنى ئىسراپ قىلىپ زاپاسلاشنى خالىمايسىز.