زاپاسلىماقچى بولغان ھۆججەتلەرنى قەيەردىن تاپىدۇ؟

قايسى ھۆججەتلەرنى زاپاسلاشنى بەلگىلەش ، ئورۇننى بېكىتىش زاپاسلاشتىكى ئەڭ تەس بولغان قەدەم. تۆۋەندىكى تىزىملىك بولسا سىز زاپاسلاشنى ئۈمۈد قىلدىغان مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ ئادەتتە ساقلىنىدىغان ئورنى ۋە تەڭشەكلىرى.

  • شەخسىي ھۆججەتلەر (پۈتۈكلەر، مۇزىكا، سۈرەت ۋە سىنلار)

    بۇلار ئادەتتە سىزنىڭ home ھۆججەت قىسقۇچىڭىزدا (/home/your_name) ساقلانغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستەل يۈزى، ھۆججەتلەر، رەسىملەر، مۇزىكا ۋە سىن دېگەندەك تارماق قىسقۇچلىرى بۆلىشى بولىدۇ.

    ئەگەر سىزنىڭ زاپاسلاش ۋاسىتىسىدە يېتەرلىك بوشلۇق بولسا (مەسىلەن تاشقى قاتتىق دىسكا دېگەندەك)، Home قىسقۇچنى پۈتۈنلەي زاپاسلاشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ. Home قىسقۇچنىڭ قانچىلىك دىسكا بوشلۇقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى دىسكا ئىشلىتىشنى ئانالىز قىلغۇچى ئارقىلىق تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ.

  • يوشۇرۇن ھۆججەتلەر

    چېكىت (.) بىلەن باشلىنىدىغان ھەرقانداق ھۆججەت ۋە قىسقۇچ كۆڭۈلدىكى بويىچە بولغاندا يوشۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆرسەت ◂ يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسەت نى چېكىڭ ياكى Ctrl+H كۇنۇپكىلىرىنى بىسىڭ. بۇلارنى باشقا ھۆججەتلەرگە ئوخشاش زاپاسلىماقچى بولغان ئۇرۇنغان كۆچۈرەلەيسىز.

  • شەخسىي تەڭشەكلەر (ئۈستەلئۈستى مايىللىقى، ئۆرنەكلەر ۋە يۇمشاق دېتال تەڭشەكلىرى)

    كۆپلىگەن پروگراممىلار ئۆزلىرىنىڭ تەڭشەكلىرىنى Home ھۆججەت قىسقۇچتىكى يوشۇرۇن ھۆججەت قىسقۇچتا ساقلايدۇ(يوشۇرۇن ھۆججەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئۈچۈن ئۈستىگە قاراڭ).

    نۇرغۇنلىغان پروگراممىلارنىڭ تەڭشەكلىرى، ماكان مۇندەرىجىدىكى .config، .gconf، .gnome2، .local دېگەن يوشۇرۇن قىسقۇچلارغا ساقلىنىدۇ.

  • سىستېما مىقياسىدىكى تەڭشەكلەر

    ماكان مۇندەرىجە ئىچىدە ساقلانمايدىغان سىستېما تەڭشەكلىرى سىستېمىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ تەڭشەكلەر ئادەتتە بىر نەچچە يەرلەردە ساقلانغان بولىدۇ. بىراق نۇرغۇنلىرى /etc دېگەن قىسقۇچقا ساقلىنىدۇ. ئادەتتە ئۆيدە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلاردا بۇنى زاپاسلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىراق مۇلازىمېتىر قىلىپ ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلاردا بۇنى چوقۇم زاپاسلاش كېرەك.