قانداق زاپاسلايدۇ؟

ھۆججەت ۋە تەڭشەكلەرنى زاپاسلاش باشقۇرغۇغا زاپاسلاتسا ئەڭ ئاسان بولىدۇ. بىر نەچچە خىل زاپاسلاش پروگراممىسى بار، مەسىلەن Déjà Dup دېگەندەك.

تاللىغان زاپاسلاش پروگراممىڭىزنىڭ ياردىمى سىزنى زاپاسلاشنىڭ خاسلىقىنى تەڭشەش ، شۇنداقلا قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بېكىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

يەنە بىر ئۇسۇل بولسا بىخەتەر ئورۇنغا ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈش ، باشقا قاتتىق دىسكا، توردىكى باشقا كومپيۇتېر، ياكى USB لىق دىسكا دېگەندەك. سىزنىڭ شەخسى ھۆججەتلىرىڭىز ئادەتتە Home ھۆججەت قىسقۇچىدا بولۇپ ھۆججەتلىرىڭىزنى ئۇ يەردىن كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ

سىزنىڭ زاپاسلىيالايدىغان سانلىق مەلۇماتىنىڭ مىقدارى ساقلىغۇچ ئۈسكۈنىنىڭ سىغىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.ئەگەر زاپاسلاش ئۈسكۈنىڭىزدە يېتەرلىك بوشلۇق بولسا، تۆۋەندىكىلەردىن باشقا ئەھۋالدا Home ھۆججەت قىسقۇچىڭىز پۈتۈنلەي زاپاسلىسىڭىز ئەڭ ياخشى:

  • سىرتقى ئۈسكۈنىلەرگە يەنى CD،DVD، ياكى يۆتكىلىشچان ۋاسىتىلەرگە زاپاسلانغان ھۆججەتلەر.

  • ئاسانلا قايتا قۇرۇشقا بولىدىغان ھۆججەتلەر. مەسىلەن، سىز پروگرامما تۈزگۈچى بولسىڭىز ، تەھرىرلىگەن ۋاقىتتا ھاسىل بولغان ھۆججەتلەرنى زاپاسلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئورنىغا ئەسلىدىكى مەنبە ھۆججىتى زاپاسلاندىمۇ يوق جەزملەشتۈرۈڭ.

  • ئەخلەتخانىدىكى ھۆججەتلەر. ئەخلەتخانا ئادەتتە ~/.local/share/Trash دە بولىدۇ.