زاپاسلاش دەۋرى

ھۆججەتلەرنى قانچىلىك مۇددەتتە بىر قېتىم زاپاسلاش زاپاسلىنىدىغان ھۆججەتنىڭ تىپىغا باغلىق. مەسىلەن: تور مۇھىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار مۇلازىمېتىردا ساقلانغان بولسا، ئۇنى ھەر كۈنى كەچتە زاپاسلىسىمۇ يېتەرلىك بولمايدۇ.

يەنە، ئۆيدە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلاردىكى سانلىق-مەلۇماتلارنى ھەر سائەتتە بىر قېتىم زاپاسلاشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. تۆۋەندىكى ئۇچۇرلاردىن، سانلىق-مەلۇماتلارنى قانداق ۋاقىتتا زاپاسلىسا بولىدىغانلىقنى بىلەلىشىڭىز مۇمكىن:

  • كومپيۇتېردا سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىز.

  • قانچىلىك ۋاقىتتا ۋە قانچىلىك مىقداردا كومپيۇتېردىكى سانلىق مەلۇمات ئۆزگىرىدۇ.

زاپاسلىماقچى بولغان سانلىق-مەلۇماتلىرىڭىزنىڭ مەرتىۋىسى تۆۋەنرەك بولسا ياكى ئۆزگىرىش بەك كوپ بولمىسا، مەسىلەن: مۇزىكا، ئېلخەت ۋە ئائىلە سۈرەتلىرى دېگەندەك، بۇلارنى ھەپتىدە بىرەر قېتىم زاپاسلىسىمۇ يېتەرلىك. ئەگەر ھېسابات ۋە باشقا كۈندىلىك كىرىم-چىقىمغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق-مەلۇماتلار بولسا، كۆپرەك زاپاسلاش ئېلىپ بېرىش زۆرۈردۇر.

زاپاسلاشنىڭ ئىنتېرۋالى چوقۇم، مەلۇم سانلىق-مەلۇماتنى ھاسىل قىلىشقا كەتكەن ۋاقىتتىن قىسقا بولۇپ قالمىسۇن. مەسىلەن: يوقالغان ھۆججەتنى قايتا يېزىش ئۈچۈن بىر ھەپتە ۋاقىت كەتسە، سىز زاپاسلاشنى ئەڭ ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك.