زاپاسلاشنى تەكشۈرۈش

ھۆججەتلەرنى زاپاسلاپ بولغاندىن كېيىن، توغرا بولدىمۇ تەكشۈرۈش كېرەك. ئەگەر توغرا بولماي قالسا سىز زاپاسلىدىم دەپ ئويلىغان بىر قىسىم ھۆججەتلەر كېيىن ئەسلىگە كەلمەسلىكى مۇمكىن.

ھۆججەت باشقۇرغۇ ئىشلىتىپ ھۆججەتلەرنى كۆچۈرگەن ياكى يۆتكىگەن ۋاقىتتا، ھۆججەت توغرا كۆچۈرۈلدىمۇ ياكى يۆتكەلدىمۇ دېگەننى كومپيۇتېر تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، سىز مەشغۇلات قىلغان سانلىق-مەلۇماتلار سىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولسا، ئۇنى يەنە ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشنى ئويلايسىز.

ئەسلى ھۆججەت بىلەن نىشان ھۆججەتكە قايتا قاراش ئارقىلىق ھۆججەت توغرا كۆچۈرۈلدىمۇ جەزم قىلىشقا بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن ھۆججەتكە توغرىلىقىغا بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ.

ئادەتتە زاپاس قىلىدىغان ھۆججەتلەر بەك كۆپ بولسا، بۇلارنى مەخسۇس پروگرامما بىلەن بىر تەرەپ قىلسا ئاسانراق بولىدۇ. Déjà Dup شۇنداق پروگراممىدۇر. بۇ پروگرامما ئادەتتىكى كۆچۈرۈش ۋە چاپلاش ئارقىلىق زاپاس قىلغانغا قارىغاندا ئىشەنچلىك ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق.