تور كامېراسى ئارقىلىق قىزىقارلىق سۈرەتلەرنى ۋە سىنلارنى قۇرۇش

Cheese دېگەن پروگرامما ۋە تور كامېراسى ئارقىلىق سۈرەتكە تارتالايسىز شۇنداقلا سىنغا ئالالايسىز، قىزىقارلىق بولغان ئالاھىدە ئۈنۈمنى قوللىنالايسىز ھەمدە ئۇنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلەش ئىلىپ بارالايسىز. Cheese نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ، ئەرمەك ھايۋانلىرىڭىزنىڭ ياكى نىمنى خالىسىڭىز شۇنىڭ رەسىمىنى ئاسانلا تارتالايسىز.

كۆڭۈلدىكى ھالەتتە Cheese ئورنىتىلمىغان بولىدۇ. Cheese نى ئورنىتىش ئۈچۈن:

  1. بۇ ئۇلىنىشنى نى چېكىپ يۇمشاق دېتال مەركىزى نى قوزغىتىڭ.

  2. ئورنىتىش ئۈچۈن Cheese غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوقۇڭ ۋە كۆزدىن كەچۈرۈڭ.

  3. ئەگەر ئورناتماقچى بولسىڭىز، يۇمشاق دېتال مەركىزىدىكى ئورنىتىش نى چېكىڭ.

ئورنىتىشنى تاماملاش ئۈچۈن سىزنىڭ باشقۇرغۇچى ئىمىڭىز تەلەپ قىلىدۇ.

Cheese نى ئىشلىتىشتە ياردەمگە ئېھتىياج بولسىڭىز، Cheese ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسى نى ئوقۇڭ.

Cheese ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن Cheese نى ئورنىتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.