باشقا يۇمشاق دېتال خەزىنىلىرىنى قوشۇش

يۇمشاق دېتاللارنى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال خەزىنىسى تەمىنلىگەندەك، ئۈچىنچى تەرەپمۇ تەمىنلەيدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال خەزىنىسىدىن يۇمشاق دېتال ئورنىتىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇبۇنتۇنىڭ يۇمشاق دېتال خەزىنە تىزىمىغا قوشۇشىڭىز زۆرۈر.

ئىشەنچلىك مەنبەلەر تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتال خەزىنىسىنى قوشۇڭ!

ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال خەزىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكى ئۇبۇنتۇ ئەزالىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەيدۇ، ئۇنىڭدا سىزگە زىيان سالىدىغان پروگراممىلار بولۇشى مۇمكىن.

باشقا خەزىنىلەرنى ئورنىتىش

  1. ئىجراچىدىكى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى سىنبەلگىسىنى چېكىسىز، ياكى Dash نىڭ ئىزدەش بالدىقى ئارقىلىق «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» نى ئىزدەيسىز.

  2. يۇمشاق دېتال مەركىزى قوزغىتىلغاندىن كېيىن تەھرىر ◂ Software مەنبەنى چېكىڭ

  3. ئىم كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن باشقا يۇمشاق دېتال دېگەن بەتكۈچكە يۆتكىلىڭ.

  4. قوش نى چېكىسىز ۋە غېزىنىڭ APT قۇرىنى كىرگۈزىسىز. بۇ APT قۇرى غېزىنىڭ تور بېتىدە تەمىنلەنگەن بولىدۇ. ئادەتتە مۇنداق شەكىلدە:

    deb http://archive.ubuntu.com/ubuntu/ precise main

  5. مەنبە قوش نى چېكىپ يۇمشاق دېتال مەنبە كۆزنىكىنى يېپىڭ. Ubuntu يۇمشاق دېتال مەركىزى يۇمشاق دېتال مەنبەسىدىن يېڭىلانما بارمۇ يوق تەكشۈرىدۇ.

Canonical Partner نىڭ خەزىنىسىنى ئاكتىپلاش

«Canonical Partner خەزىنىسى» دە ئىشلىتىش ھەقسىز بىراق ئەسلى كودى يېپىق بولغان پروگراممىلار بار. بۇنداق پروگراممىلاردىن داڭلىقلىرى Skype، Adobe Reader، Adobe Flash Plugin. «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» دە ئىزدىسە بۇلار تېپىلىدۇ، بىراق مەزكۇر خەزىنىنى ئىناۋەتلىك قىلمىغۇچە ئورناتقىلى بولمايدۇ.

مەزكۇر خەزىنىنى ئىناۋەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى باسقۇچ بويىچە يۇمشاق دېتال مەنبەسى نىڭ ئىچىدىكى باشقا يۇمشاق دېتال بەتكۈچىنى ئاچىسىز. تىزىمدا Canonical Partners خەزىنىسى بار بولۇپ تاللانمىغان بولسا، ئۇنىڭ تاللاپ قويىسىز. ئەگەر ئۇ يوق بولسا قوش نى چېكىپ تۆۋەندىكىنى كىرگۈزىسىز:

deb http://archive.canonical.com/ubuntu precise partner

مەنبە قوش چېكىسىز ئاندىن «يۇمشاق دېتال مەنبە» كۆزنىكىنى ياپىسىز. «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» مەزكۇر خەزىنىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇپ بولغۇچە بىرئاز كۈتىسىز.