شەخسىي بوغچا ئارخىپى(PPA) قوشۇش

شەخسىي بوغچا ئارخىپى(PPA) ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ خەزىنىلىرىدىن پروگراممىلارنى ئورنىتىشنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە لايىھىلەنگەن.

ئىشەنچلىك مەنبەلەر تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتال خەزىنىسىنى قوشۇڭ!

ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال خەزىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكى ئۇبۇنتۇ ئەزالىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەيدۇ، ئۇنىڭدا سىزگە زىيان سالىدىغان پروگراممىلار بولۇشى مۇمكىن.

بىر PPA نى ئورنىتىش

  1. تورتۇرادىكى PPA غا مۇناسىۋەتلىك بەتلەرنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىكى بۇ PPA نى سىستېمىڭىزغا قوشۇڭ دېگەندەك يەرلەرنى تاپىسىز ۋە ئۇنى بىر يەرگە خاتىرىلەپ قويىسىز. ئادەتتە ppa:mozillateam/firefox-next شەكىلدە بولىدۇ.

  2. ئىجراچىدىكى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى سىنبەلگىسىنى چېكىسىز، ياكى باش تاختا نىڭ ئىزدەش بالدىقى ئارقىلىق «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» نى ئىزدەيسىز.

  3. يۇمشاق دېتال مەركىزى قوزغىتىلغاندىن كېيىن تەھرىر ◂ Software مەنبەنى چېكىڭ

  4. باشقا يۇمشاق دېتاللار بەتكۈچكە ئالماشتۇرۇڭ.

  5. قوش نى چېكىپ ppa: نىڭ ئورنىنى كىرگۈزىسىز.

  6. مەنبە قوشىمەن نى چېكىسىز ۋە كۆرۈنگەن كىملىك دەلىللەش كۆزنىكىدە ئىمنى كىرگۈزىسىز.

  7. يۇمشاق دېتال مەنبە كۆزنىكىنى يېپىڭ. «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» يۇمشاق دېتال مەنبەسىدىن يېڭىلانما بارمۇ يوق تەكشۈرىدۇ.