مەزكۇر قوللانما ھەققىدە

بۇ قوللانما ئۈستەلئۈستى سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشەندۈرۈش، كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللار جاۋا بېرىش، شۇنداقلا سىزنىڭ كومپيۇتېرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشىڭىزگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن تۈزۈلدى. بىز ئامالنىڭ بارىچە قوللانمىنى چۈشىنىشلىك قىلىشقا تىرىشتۇق:

  • بۇ قوللانمىدا باب يوق، ئۇنى ئەمەلىي ئىشلىتىش ئېھتىياجىدىكى مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇرۇپ رەتكە تىزدۇق. شۇڭا پۈتكۈل قوللانمىنى باشتىن ئوقۇمايلا ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز.

  • مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى ئۇلانما ئارقىلىق ئوز-ئارا ئۇلىدۇق. بەتنىڭ ئاستى قىسمىدىكى «بۇنىڭغىمۇ قاراڭ» دېگەن ئۇلانما ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئارقىلىق ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى تېپىشقا قۇلايلىق يارىتىلدى.

  • ئۆزىگە ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى. ھازىرقى بەتنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى «ئىزدەش بالدىقى» غا ئىزدەيدىغان مەزمۇننى كىرگۈزۈشكە باشلىغان ھامان ئىزدەش نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  • بۇ قوللانما ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بىز سىزگە كەڭ دائىرىدىكى پايدىلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشكە تىرىشىمىز، بىراق بۇ يەردە سىزنىڭ ھەممە سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىپ بولالمايمىز. شۇنداقتىمۇ پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلارنى ئۈزلۈكسىز قوشۇپ مېڭىشقا تىرىشىمىز.

ۋاقىت چىقىرىپ «ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى» نى ئوقۇغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز. شۇنداقلا سىزنىڭ بۇ قوللانمىغا ئېھتىياجىڭىزنىڭ چۈشمەسلىكىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز.

-- ئۇبۇنتۇ قوللانما ئەترىتى