چاپلىشاڭغۇ كۇنۇپكىلارنى ئىناۋەتلىك قىلىش

چاپلىشاڭغۇ كۇنۇپكىلار ئارىلىق تېزلەتمە كۇنۇپكىلارنى بىرلا ۋاقىتتا باسماستىن، بىرنىڭ كەينىدىن يەنە بىرىنى باسىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئادەتتە Alt+Tab دېگەن تېزلەتمە كۇنۇپكىنى بېسىش ئۈچۈن، چاپلىشاڭغۇ كۇنۇپكا ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋالدا، ئىككىلىسىنى بېسىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. چاپلىشاڭغۇ كۇنۇپكا ئىشلىتىلگەندە، ئاۋۋال Alt نى بېسىپ قويۇۋېتىپ ئاندىن Tab باسسا بولىدۇ.

بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە كۇنۇپكىنى بېسىشتا قىينالسىڭىز چاپلىشاڭغۇ كۇنۇپكىلارنى ئىناۋەتلىك قىلسىڭىز بولىدۇ.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. ھەممىباب زىيارەت نى ئېچىپ كىرگۈزۈش بەتكۈچىنى تاللايسىز.

  3. چاپلىشاڭغۇ كۇنۇپكىلار نى ئىناۋەتلىك قىلىسىز.

ئەگەر ئىككى كۇنۇپكىنى بىرلا ۋاقىتتا بېسىلسا، چاپلىشاڭغۇ كۇنۇپكا ھالىتى ۋاقىتلىق ئىناۋەتسىز بولۇپ، تېزلەتمىلەرنى «ئۆلچەملىك» ئۇسۇلدا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

مەسىلەن، ئەگەر يېپىشقاق كۇنۇپكىنى قوزغىتىپ ئەمما بىرلا ۋاقىتتا Alt ۋە Tab نى باسىسىز، پەقەت سىز بۇ تاللانمىنى قوزغاتسىڭىز، يېپىشقاق كۇنۇپكا باشقا بىر كۇنۇپكا بېسىشنى كۈتمەيدۇ. بىراق، ئۇ سىز بىرلا كۇنۇپكا باسقان ئالدى شەرتتە كۈتۈشى مۇمكىن. ئەگەر بەزى تېز كۇنۇپكىنى باسسىڭىز بولىدۇ (مەسىلەن كۇنۇپكا يېقىن بولغان تېز كۇنۇپكا)، ئەمما ئۇنىڭ تېز كۇنۇپكىسى ئۇنداق قىلالمىسا، بۇ تاللاشنىڭ ياردىمى بار.

ئىككى كۇنۇپكا تەڭ بېسىلغان ئەھۋالدا چەكلەش نى تاللاش بۇنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

چاپلىشاڭغۇ كۇنۇپكىلار ئىناۋەتلىك ئەھۋالدا، كۇنۇپكا بېسىلغان ھامان «تۇۇۇت» قىلغان ئاۋاز چىقىرىدىغان قىلىشقا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز تېزلەتمە كىرگۈزۈش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېيىنكى كۇنۇپكىنى باسىسىز. بۇنى سۈپەتلىگۈچى كۇنۇپكا بېسىلغاندا زىل چالسۇن نى ئىناۋەتلىك قىلىش ئارقىلىق بەلگىلىگىلى بولىدۇ.