ئاستا كۇنۇپكىلارنى ئىناۋەتلىك قىلىش

ئەگەر كۇنۇپكىنىڭ بېسىلىشى بىلەن خەتلەرنىڭ ئېكرانغا چىقىشىدا ۋاقىت پەرقى بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئاستا كۇنۇپكىلار نى ئىناۋەتلىك قىلىڭ. بۇ دېگەنلىك خەتلەر ئېكراندا كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن كۇنۇپكىنى بېسىپ بىر ئاز تۇرىسىز دېگەنلىك. ئەگەر خەت ئۇرغاندا بىر نەچچە كۇنۇپكىنى تاسادىپىي بېسىپ سېلىش ياكى بىرىنچى قېتىمدىلا كۇنۇپكا تاختىسىدىن توغرا بولغان كۇنۇپكىنى بېسىشتا قىينىلىش بولسا ئاستا كۇنۇپكىنى ئىشلىتىڭ.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. ھەممىباب زىيارەت نى ئېچىپ كىرگۈزۈش بەتكۈچىنى تاللايسىز.

  3. ئۇدا كۇنۇپكا بېسىشئۇزچاتىنى ئاچىدۇ.

قوبۇل قىلىش مۆھلىتى سۈرگۈچنى سۈرۈش ئارقىلىق كۇنۇپكىنى قانچىلىك ۋاقىت بېسىپ تۇرغاندا ئاندىن كىرگۈزۈشنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

سىز كۇنۇپكا باسقاندا كومپىيوتېرىڭىزنىڭ ئاۋاز چىقىرىشىنى بەلگىلىيەلەيسىز. كۇنۇپكا بېسىش قوبۇل قىلىنغاندا ئاۋاز چىقىرىش ياكى كۇنۇپكا بېسىش ۋاقتى يېتەرلىك بولمىغاندا رەت قىلىش ئاۋازى چىقىرىشنى بەلگىلىيەلەيسىز.