چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنىڭ ئورنىنى تېز تېپىش

چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنىڭ ئېكراندىكى ئورنىنى تاپالمىسىڭىز Ctrl كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا سىزگە كۆرۈنىدۇ. بۇنى مۇشۇنداق تەڭشىگەندىن كېيىن Ctrl نى باسسا ئىسترېلكا بار ئورۇندا جانلاندۇرۇم كۆرۈنىدۇ.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. چاشقىنەك ۋە سەزگۈر تاختا نى ئېچىپ چاشقىنەك بەتكۈچنى تاللاڭ.

  3. ئاندىن تىزگىن كۇنۇپكىسى(Ctrl) بېسىلغاندا چاشقىنەك ئىسترېلكىسى بار ئورۇننى كۆرسەتسۇن نى تاللاپ قويىسىز.

شۇنىڭ بىلەن سىز Ctrl باسقان ۋاقتىڭىزدا چاشقىنەك ئىسترېلكىسى بار ئورۇن كۆرسىتىلىدۇ.