ئۈستىگە ئەكېلىش ئارقىلىق چېكىشنى تەقلىدلەش

سىز چاشقىنەكنى لەيلىتىپ تۇرغاندا ئۆزلۈكىدىن چېكىش ۋە سۆرەش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارالايسىز. ئەگەر چاشقىنەكنى يۆتكەش بىلەن بىللە چاشقىنەك توپچىسىنى چېكەلمىسىڭىز ئۇنداقتا بۇ خىل مەشغۇلات كۆپ قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ چېكىش ياكى لەيلىتىپ چېكىش دەپ ئاتىلىدۇ.

لەيلىتىپ چېكىش ئىقتىدارى قوزغىتىلغاندا، سىز چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنى كونترولنىڭ ئۈستىگە ئەكەلگەندە سەل تۇرغۇزسىڭىز سىستېما ئۆزلۈكىدىن چاشقىنەك چېكىش مەشغۇلاتىنى سىز ئۈچۈن تاماملايدۇ.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. ھەممىباب زىيارەت نى ئېچىپ كۆرسىتىش ۋە چېكىش بەتكۈچىنى تاللايسىز.

  3. ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ چېكىش نى ئىناۋەتلىك قىلىش.

ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ چېكىش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق كۆزنەكنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئارقىلىق سىز كۆرسەتكۈچ كۇنۇپكا ئۈستىدە تۇرغاندا قانداق چېكىلىشنىڭ ئىلىپ بېرىلىشىنى تاللىيالايسىز. مەسىلەن ئەگەر سىز ئەگەشمە چېكىلىش نى تاللىسىڭىز، ئىسترېلكىنى توپچا ئۈستىدە بىر نەچچە سېكۇنت تۇرغاندا چاشقىنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ كۇنۇپكىسى بېسىلىدۇ. مەيلى قوش چېكىش، ئوڭ چېكىش ياكى سۆرەلسۇن يەنىلا ئۆزلۈكىدىن تاق چېكىشكە قايتىدۇ.

چاشقىنەكنىڭ ئىسترېلكىسىنى توپچىنىڭ ئۈستىگە ئەكېلىپ مىدىرلاتمىسىڭىز، توپچىنىڭ رېڭى ئۆزگىرىدۇ. رېڭى تولۇق ئۆزگەرگەندە توپچا بېسىلىدۇ.

مۆھلىتى سۈرگۈچنى سۈرۈش ئارقىلىق كۇنۇپكىنى قانچىلىك ۋاقىت بېسىپ تۇرغاندا ئاندىن چېكىش مەشغۇلاتىنى تاماملايدىغانلىقىنى تىزگىنلىيەلەيسىز.

ئىسترېلكا توپچىنىڭ ئۈستىدە تۇرغاندا چاشقىنەكنى مىدىرلاتماستىن تۇتۇۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئىسترېلكىنىڭ ئازراق مىدىرلىشىغا يول قويۇلغان بولۇپ بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن چېكىلىش ئەمەلگە ئېشىۋېرىدۇ. ئەگەر بەكلا مىدىرلاپ كەتسە چېكىلىش يۈز بەرمەيدۇ.

يۆتكىلىش سۈرئەت تەڭشەك قىممىتىنى تەڭشەيدۇ، چاشقىنەك ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغاندا يۆتكىلەلەيدىغان دائىرە قىممىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.