سەكرىمە كۇنۇپكىلارنى ئېچىش

كۇنۇپكا بېسىلغاندا كۇنۇپكىنىڭ تېز تەكرارلىنىپ كەتكەن كۇنۇپكىغا پىسەنت قىلماسلىق ئۈچۈنسەكرىمە كۇنۇپكا ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: قولىڭىز تىترەيدىغان بولسا، كۇنۇپكىنى باسقان ھامان، ئوخشاش كۇنۇپكا نەچچە قېتىم تەكرارلىنىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ پەقەت بىرىنىلا ئىناۋەتلىك قىلىشنى خالايسىزغۇ؟. بۇ ۋاقىتتا مۇشۇ سەكرىمە كۇنۇپكا ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويۇڭ.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. ھەممىباب زىيارەت نى ئېچىپ كىرگۈزۈش بەتكۈچىنى تاللايسىز.

  3. سەكرىمە كۇنۇپكىلار نى ئېچىڭ.

بىرىنچى كۇنۇپكا بېسىلىپ، ئىككىنچى كۇنۇپكا بېسىلغۇچە قانچىلىك ۋاقىت كۈتىدۇ دېگەننى رازى بولۇش كېچىكىشى(Acceptance delay) دېگەن سىيرىغۇچ ئارقىلىق تەڭشەيسىز. بۇ ۋاقىتتىن بۇرۇن كۇنۇپكا بېسىلسا ئۇنى سەكرىمە كۇنۇپكا دەپ قاراپ، پىسەنت قىلمايدۇ. كۇنۇپكىغا پىسەنت قىلمىغاندا ئۇنى سىزگە ئاۋاز ئارقىلىق ئۇقتۇرغىلىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۇنۇپكا رەت قىلىنغاندا زىل چالسۇن نى تاللاپ قويسا بولىدۇ.