لىناكىس سىستېمىسىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 5 بۇيرۇق

لىناكىس سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى بارغانسېرى ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بولۇپ، كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمىلى خىزمەتتە يەنىلا بۇيرۇق ئارقىلىق مەشغۇلات ئىلىپ بېرىش ئاساسلىق ئورۇندا بولىدۇ. سىز قىلىۋاتقان خىزمەتنىڭ ئەمىلى ئېھتىياجىغا ئاساسەن سىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇيرۇقلىرىڭىز بۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان 5 بۇيرۇقتىن باشقىلىرى بۆلىشى مۇمكىن، تۆۋەندە http://www.techrepublic.com دا تونۇشتۇرۇلغان 5 بۇيرۇقنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

1. man بۇيرۇقى.
بۇ بۇيرۇق لىناكىس سىستېمىسىدىكى بارلىق بۇيرۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى، بۇيرۇق بىلەن ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل تاللانما قاتارلىق شۇ بۇيرۇققا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى ‍ئىشلەتكۈچىگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندىمۇ بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇيرۇقنىڭ بىرى بولۇپ، سىز مەشغۇلات قىلغان ۋاقىتتا ھەر زامان ئىنتېرنېتنىڭ بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بەزىدە بىخەتەرلىك تەلىپى يۇقىرى بولغان مۇلازىمېتىر ئۆيىگە كىرىپ مەشغۇلات قىلغاندا، مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى توردىن تېپىشقا ئىمكانىيەت بولماي قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا جانغا ئەسقاتىدىغان ياردەمچى بۇيرۇقنىڭ بىرى man بۇيرۇقى ھېسابلىنىدۇ.

مەسىلەن تۆۋەندىكىسى ping بۇيرۇقنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
man ping

2. ls بۇيرۇقى
ۋىندوۋستا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان dir بۇيرۇقى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان بۇيرۇق بولۇپ، بىزگە ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھەر قايسى ھۆججەتلەرنىڭ تىزىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

3.mv بۇيرۇقى
mv بۇيرۇقى بولسا ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ھۆججەتلەرنى يۆتكەشكە ئىشلىتىدىغان بۇيرۇق بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ھۆججەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

4.rm بۇيرۇقى
بۇ ئىشلىتىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇيرۇق بولۇپ، ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈشكە ‍ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ rf- تاللانمىسىنى قوشساق ھەرقانداق نەرسىنى سىزدىن يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرمەيلا ‍ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆچۈرۈلگەن نەرسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا كۆپىنچە ئورۇنلاردا يۇقىرىقى تاللانمىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىش چەكلەنگەن بولىدۇ ياكى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسىمۇ چوقۇم ئېھتىيات بىلەن ‍ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر -i تاللانمىسىنى قوشۇپ ئىشلەتسىڭىز ھەر قانداق نەرسىنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن سىزنىڭ جەزملىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، بىر قەدەر بىخەتەر. ئەممە ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت سانى كۆپ بولغاندا بەكلا ‍ئاۋارىچىلىك بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجغا ئاساسەن ھەم بىخەتەر ھەم ۋاقىت تېجەيدىغان تاللانمىلىرىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

5.grep بۇيرۇقى
ھۆججەتتىن ئىزدىمەكچى بولغان سۆزىڭىزنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ بۇيرۇق ئىنتايىن قۇلاي بولۇپ، سىزنى ھۆججەتتىن قۇرمۇ قۇر ئىزدەشتىن خالىي قىلىپ كۆپ ۋاقتىمىزنى تېجەپ بېرىدۇ. مەلۇم بىر مۇندەرىجىدىكى نەچچە مىڭلىغان ھۆججەتلەر ئىچىدىن ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتنى تاپماقچى بولسىڭىزمۇ بۇ بۇيرۇق بىلەن تاماملىغىلى بولىدۇ. بۇ مەن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇيرۇقنىڭ بىرى.


"لىناكىس سىستېمىسىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 5 بۇيرۇق " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ