Google Chrome توركۆرگۈسىدە ئۇيغۇر يېزىقلىرىنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇش
تۆۋەندىكىسى گۇگىل كىروم توركۆرگۈسىنىڭ بىر كېڭەيتىلمە پروگراممىسى بولۇپ، بۇ سىز كۆرۈۋاتقان تور بەتتىكى ئۇيغۇر ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ۋە سلاۋيان يېزىقىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ.
بۇ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىيارىمىزدىكى تور بەتلەرنى كۆرۈپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئازدۇر كۆپتۇر پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
گۇگىل كىروم تۆۋەنكى ئادرېسنى كىرگۈزىمىز.
https://chrome.google.com/webstore/detail/uyconverter/jfphmfnfcfjnncpcfpcikmpafmjlcdce
UyConverter دېگەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كېڭەيتىلمە پروگرامما كۆرۈنىدۇ.
”ADD TO CHROME“ دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز، تۆۋەندىكى رامكا ئىچىلىدۇ.
Add extension دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.
ئوڭ تەرەپ بۇرجەككە قاچىلانغان پروگرامما كۆرۈنىدۇ.
ئوڭ تەرەپ بۇرجەكتىكى پروگراممىنى چەكسەك ، ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان شەكىللەر كۆرۈنىدۇ.
يۇقىرىقى رامكىدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئايلاندۇرماقچى بولغان يېزىق يۆلىنىشىنى تاللاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
ئەسلى شەكلى:
تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا ئايلاندۇرغاندىكى شەكلى:
تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇر سلاۋيان يېزىقىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىكى كۆرۈنۈشى:
ئەگەر يۇقىرىقى رەسىملەر نورمال كۆرۈنمىسە تۆۋەندىكى PDF دىن كۆرۈڭ.
كىروم توركۆرگۈدىكى يېزىق ئايلاندۇرغۇچ
ئابلىمىت
2016-يىل 25-ئاۋغۇست (5:22 pm)
Firefox تور كۆرگۈسىدىمۇ مۇشۇنىڭدەك ئامال بارمۇ ؟ گوگېلنىڭ تور كۆرگۈسىدىكى قىستۇرما بازىرى قەتئىي ئۇلانمايۋاتىدۇ .
admin
2016-يىل 25-ئاۋغۇست (5:44 pm)
ياخشىمۇسىز، ئوت تۈلكە FireFox دا بىلىشىمچە يوق، ئەگەر گۇگۇلنى نورمال ئىشلىتەلىسىڭىزلا قىستۇرما بازىرى ئۇلىنىشى كىرەك ئىدى، سىز كومپىيوتېر نۇسخسىنى ئىشلىتىۋاتقانسىز؟
ئابلىمىت
2016-يىل 31-ئاۋغۇست (9:27 pm)
كومپىيوتىرىمدا تورغا چىقىمەن .
بېلىقىز
2020-يىل 25-ئىيۇن (9:32 pm)
بەكلا ياخشى بوپتۇ، ياخشى سىستىمىكەن. كۆپ رەھمەت سىلەرگە!