Ubuntu نىڭ ئەسلىدىكى مۇندەرىجىسىنى ئىنگلىزچە كۆرسىتىش
ئۇبۇنتۇنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتكەندە ، ئەسلىدىكى مۇندەرىجىمۇ ئۇيغۇرچىگە ئايلىنىپ كىتىدۇ، كۆرۈنمە يۈزدە مەشغۇلات ئىلىپ بارغاندا قولايلىق بولسىمۇ، بىراق، تېرمىنالدا بۇيرۇق مەشغۇلات“CLI“ ئىلىپ بارغاندا، مۇندەرجىدىن يۆتكلىش بىر قەدەر ئاۋارچىلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇندەرجىنى بۇرۇن ئشلىتىپ كۆنگەن ئىنگلىزچە مۇندەرجە پىتى ساقلاپ قالساق ھەم كۆرۈنمە يۇز ھەم تىېرمىنالدىكى مەشغۇلات قولايلق بولىدۇ.
1. سول تەرەپتىكى سىتونندىن كومپيوتىردىن ئىزدەشنى باسىمىز، ئىزدەش كونۇپكىسىغا ”Terminal“ دەپ كىرگۈزىمىز.
2.ئىچلغان تېرمىنال ئىچىدە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلىمىز.
LANG=C xdg-user-dirs-gtk-update
تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈندۇ. بۇ كۆزنەكتىكى ”Update Names“ دىگەن كونۇپكىنى باسىمىز.
3. ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىسمىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرگنلىكىنى كۆرىمىز.
4.كومپۇتىرنى قايتا قوزغىتىمىز. قوزغاتقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈندۇ. بۇ يەردىن <<قايتا سورىما>> دىگەننى تاللاپ،<<كونا ئاتى بويىچە تۇرىۋەرسۇن>> دىگەن كونۇپكنى باسىمىز.
5.قايتىدىن مۇندەرجىنى ئاچساق تۆۋەندىكىدەك ئىنگىلىزچە بولۇپ كۆرۈندۇ.
ئىشلتىشى جەريانىدا بەزى ئىبارىلەرنىڭ شۇنداقلا بەزى پىروگىراممىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەسلىكىنى ھىس قلىدىڭىزمۇ. بۇ سۆزلەر سىزنىڭ تەرجىمە قلىشىڭىزغا مۇھتاج. بۇ يەرنى بىسىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىلشىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈڭ ۋە ئىمكانىيىتىڭىز بولسا سىپىمىزگە قاتنىشىڭ.
قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟