Ubuntu نىڭ ئەسلىدىكى مۇندەرىجىسىنى ئىنگلىزچە كۆرسىتىش

ئۇبۇنتۇنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتكەندە ، ئەسلىدىكى مۇندەرىجىمۇ ئۇيغۇرچىگە ئايلىنىپ كىتىدۇ، كۆرۈنمە يۈزدە مەشغۇلات ئىلىپ بارغاندا قولايلىق بولسىمۇ، بىراق، تېرمىنالدا بۇيرۇق مەشغۇلات“CLI“ ئىلىپ بارغاندا، مۇندەرجىدىن يۆتكلىش بىر قەدەر ئاۋارچىلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇندەرجىنى بۇرۇن ئشلىتىپ كۆنگەن ئ‍ىنگلىزچە مۇندەرجە پىتى ساقلاپ قالساق ھەم كۆرۈنمە يۇز ھەم تىېرمىنالدىكى مەشغۇلات قولايلق بولىدۇ.

مۇندەرجىنڭ ئۇيغۇرچە ھالىتى.
FolderName01

1. سول تەرەپتىكى سىتونندىن كومپيوتىردىن ئىزدەشنى باسىمىز، ئىزدەش كونۇپكىسىغا ”Terminal“ دەپ كىرگۈزىمىز.
FolderName01

2.ئىچلغان تېرمىنال ئىچىدە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلىمىز.
LANG=C xdg-user-dirs-gtk-update
تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈندۇ. بۇ كۆزنەكتىكى ”Update Names“ دىگەن كونۇپكىنى باسىمىز.
FolderName03

3. ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىسمىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرگنلىكىنى كۆرىمىز.
FolderName04

4.كومپۇتىرنى قايتا قوزغىتىمىز. قوزغاتقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈندۇ. بۇ يەردىن <<قايتا سورىما>> دىگەننى تاللاپ،<<كونا ئاتى بويىچە تۇرىۋەرسۇن>> دىگەن كونۇپكنى باسىمىز.
FolderName05

FolderName06

5.قايتىدىن مۇندەرجىنى ئاچساق تۆۋەندىكىدەك ئىنگىلىزچە بولۇپ كۆرۈندۇ.
FolderName07

تېرمىنالدىكى كۆرنۈش.
FolderName08

ئىشلتىشى جەريانىدا بەزى ئىبارىلەرنىڭ شۇنداقلا بەزى پىروگىراممىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەسلىكىنى ھىس قلىدىڭىزمۇ. بۇ سۆزلەر سىزنىڭ تەرجىمە قلىشىڭىزغا مۇھتاج. بۇ يەرنى بىسىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىلشىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈڭ ۋە ئىمكانىيىتىڭىز بولسا سىپىمىزگە قاتنىشىڭ.


"Ubuntu نىڭ ئەسلىدىكى مۇندەرىجىسىنى ئىنگلىزچە كۆرسىتىش " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ