wall بۇيرىقى توغرىسىدا

wall بۇيرىقى بولسا، لىناكىس سىستېمىسغا كىرگەن بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىرمىنالىغا بىرلا ۋاقىتتا ئۇچۇر ئەۋەتىدىغان بۇيرۇق.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى بولسا


"ئەۋەتمەكچى بولغان ئۇچۇر" wall

يەنى تۆۋەندىكى مىسالدىكىدەك، ئەگەر سىز سىستېمىنڭ ئۆچۈرلۈش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تىرمېنالىڭىزدىن ئەۋەتسىڭىز، باشقىلار ئۆزىنىڭ تېرمىنالىدا سىز ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى كۆرەلەيدۇ.
ئۆزىىڭىزنىڭ تېرمىنالى

باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىرمىنالى

بۇ كوماندا ئارقىلىق تېرمىنال ئشىلەتكۈچنىڭ ئىكرانىدا ئۇچۇرنى كۆرسەتكىلى بولدىغان بولۇپ، ئەگەر ئىشلەتكۈچى گىرافىكىلىق ئىشلەتكۈچ يۈزىنى ئىشلىتىپ كومپوتىردا تىرمىنالنى ئاچمىسا ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرنى كۆرەلمايدۇ.

ئەگەر wall بۇيرىقىنلام ئجرا قىلساق، بىزنىڭ ئۇچۇر كىرگۈزۈشىمىزنى ساقلايدىغان ھالەتكە ئۆتىدۇ، ئەۋەتمەكچى بولغان ئۇچۇرنى كىرگۈزۈپ بولۇپ CTRL+D كونۇپكىسىنى باسساق ئۇچۇر ئەۋەتىلدۇ.

ئەگەر بىرەر ھۆججەتتىكى مەزمۇننى بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنى خەۋەرلەندۈرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇقىنى ئىجارا قىلسىڭىز بولىدۇ.

wall > ھۆججەت ئىسمى

مەسلەن .


wall > /Documents/bugunkiuchur.txt

بۇ بۇيرۇق بولۇپمۇ باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى بىلمىگەندە قارشى تەرەپكە سىستىما توغرسىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى بىلدۈرۈشتە تولىمۇ قولايلىق. مەسلەن سىستىمىنى قايتا قوزغىتىش، ياكى ئۆچۈرۈش دىگەندەك.


"wall بۇيرىقى توغرىسىدا " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ