reboot بۇيرۇقى بىلەن poweroff بۇيرۇقى

reboot بىلەن لىناكىس مەشغۇلات سىستېمىسنى دەرھال قايتا قوزغاتقىلى ،poweroff بۇيرۇقى بىلەن لىناكىس مەشغۇلات سىستېمىسنى ئۆچۈرۈپ توك مەنبەسىنى ئۈزگىلى بولىدۇ.

بۇ ئىككى بۇيرۇقنىڭ تاللانمىسى f- ، بۇ ئارقىلىق سىستېمىنى مەجبۇرىىي ھالدا قايتا قوزغىتىش ۋە ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ. يەنىforce-- نىڭ قىسقارتىلىمىسى.

سىستېمىنى shutdown ئارقىلىقمۇ قايتا قوزغىتىشقا ياكى ئۆچۈرۈپ توك مەنبسىنى ئۈزۈشكە بولىدۇ، بىراق shutdown بۇيرۇقىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىز ئالىي ھوقۇقلۇق(root) ئىشلەتكۈچى بولىشىڭىز ياكى root نىڭ ئېمىنى(password) بىلىشىڭىز كىرەك. ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز مەزكۇر بۇيرۇق بىلەن سىستېمىنى قايتا قوزغىتىش ياكى ئۆچۈرەلمەيسىز.

شەخسى ئىشلىتىدىغان لىناكىستا بولسا ئادەتتكى ئىشلەتكۈچى ھالەتتىمۇ ئۈستەليۈزىدىكى تېزىملىك ئارقىلىقلا قايتا قوزغىتىش ياكى ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى تاماملىغىلى بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا يۇقىرىدا دىيىلگەن reboot بىلەن poweroff ئارقلىقمۇ ئوخشاش مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
بۇيرۇقنىڭ يىزىلىش ئۇسۇلى:
reboot
poweroff

يەنى بىۋاستە يىزىپ ئىنتىر كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.


"reboot بۇيرۇقى بىلەن poweroff بۇيرۇقى " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ