cat بۇيرۇقى توغرىسىدا

cat بۇيرىقى بولسا conCATenate دىن كەلگەن بولۇپ ، ئەسلىدىكى سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاش، باغلاش دىگەن مەنىسى بار ، ئەسلى مەنىسىدىكىدەك ھۆججەتلەرنى ئۆزئارا بىرىكتۈرۈشتە ئىشلىتىلدىغان بۇيرۇق بولۇپ، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى تىزلىكتە كۆرۈش ئۈچۈن ئشىلتىدۇ.

مەلۇم بىر ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك cat بۇيرىقىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
مەسلەن etc/shells/ دىگەن ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلىمىز.

cat_01

cat نىڭ ئاساسلىق تاللانمىلىرى تۆۋەندىكدەك.
n- قۇر نۇمرىنى كۆرسىتىش
b- قۇر نۇمرىنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بوش قۇر بولسا قۇر نۇمرىنى كۆرسەتمەيدۇ
s- ئەگەر ئارقا ئارقىدىن قۇرۇق قۇر بولسا، بىر قۇر دەپ ھىساپلايدۇ
E- قۇرنىڭ ئەڭ ئاخرىدا $ بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ

مەسلەن :

cat -n /etc/shells
نى ئىجىرا قىلساق تۆۋەندىكدەك نەتىجە بىرىدۇ.

cat_02

بىر نەچچە ھۆججەتنى ئۆزئارا بىرىكتۈرۈش.
ئەگەر تۆۋەندىكىدەك cat بۇيرىقىنى ئىجىرا قىلىساق ھۆججەتلەرنى ئۆزئارا بىرىكتۈرۈشكە بولىدۇ.

cat_03


"cat بۇيرۇقى توغرىسىدا " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ