grep ۋە pcregrep بۇيرۇقى توغرىسىدا
ئەگەر سىز لىناكىس ئىشلەتكۈچىسى بولسىڭىز grep بۇيرىقىنى ئازدۇر كۆپتۈر ئىشلتىپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن. grep بۇيرىقى بولسا سىز تەمىنلىگەن ھۆججەت قىسقۇچ ۋەياكى ھۆججەتتىن مەلۇم بىر تېكىستنى ئىزدەپ نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بىردىغان بۇيرۇق بولۇپ، بىزنىڭ ئىزدەش مەشخۇلاتىمىزدا بىر قەدەر كۆپ قوللىنىلدىغان ئۇسۇلنىڭ بىرى.
مەسلەن تۆۋەندىكدەك مەزمۇندىن تەركىب test.txt ھۆججەت بار دىسەك:
abcdef
jhklmn
opqrst
ئەگەر بىز jhklmn نى ئىزدىمەكچى بولساق تۆۋەندىكى grep بۇيرىقى ئارقىلىق ئىزدەشكە بولىدۇ.
grep "jhklmn" ./test.txt
ئەگەر تۆۋەندىكىدەك ھۆججەت بولۇپ بىز ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنجى نەتىجىگىلا ئىرىشىشقا ئىھتياجىمىز چۈشۈپ قالسىچۇ ؟
test.txt ھۆجىىتى:
abcdef
jhklmn
opqrst
12324
jhklmn
opqrst
abcdef
jhklmn
12232
grep بۇيرىقىنى ئىشلىتىپ jhklmn نى ئىزدىسەك بىزگە ئۈچ نەتىجىنى چىقىرىپ بىرىدۇ، بىراق بىزنىڭ ئىرىشمەكچى بولغان نەتىجىمىز بولسا بىرىنجى jhklmn ، بۇ خىل ئەھۋالدا بىز pcregrep بۇيرىقىغا مۇراجەت قىلىساق.
pcregrep بۇيرىقى بىر قۇرلام ئەمەس بىر نەچچە قۇردىكى تېكىستنى ئىزدەپ نەتىجىنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ. n\ بولسا قۇر ئايرىش بەلگىسى.
pcregrep -M "abcdef\njhklmn\nopqrst" test.txt
pcregrep بۇيرىقى بولۇپمۇ ئوخشاش تېكىستلەر كۆپ xml ياكى html دىكى مەلۇم بىر تىكىستنىلا ئىزدەش ۋە نەتىجىسىنى sed بۇيرىقى بىلەن ئۆزگەرتىپ مەشغۇلاتنى تىزلىتىشتە ئىنتايىن قولايلىق بولغان بىر بۇيرۇق.
كاۋىچى
2016-يىل 15-ئۆكتەبىر (10:49 am)
يازمىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر. pcregrep بۇيرۇقىدىكى
”pcregrep -M ”abcdef\njhklmn\nopqrst
نىڭدا ھۆججەت ئىسمىنى يازمىسا قەيەردىن ئىزدەيدۇ؟
admin
2016-يىل 15-ئۆكتەبىر (5:01 pm)
ھۆججەت ئىسمىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن، تولۇقلاپ قويدۇم. سىزگىمۇ رەخمەت.
بېلىقىز
2020-يىل 25-ئىيۇن (9:36 pm)
بۇ ئۇيغۇرچە بىلىملەر بەك ياخشى بوپتۇ، بولسا بۇ تۈردىكى بىلىملەر تېخىمۇ كۆپ بارلىققا كەلگەن بولسا، بىلىملىرىمىزنى ئۆز- ئارا ھەمبەھىرلەشسەك ياخشى. كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئەمگىكىڭلار ئۈرۈن! ھارمىغايسىلار!